Chinese→Uyghur主要词典
凯塔
دۇنيا تارىخى
كېيتا
(1915 - 1977) مالىنىڭ تۇنجى زۇڭتۇڭى (1960 - 1968). باماكو شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1930 - يىلى داھار ۋېليام پېندى مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. ئوقۇتقۇچى بولغان. 1945 - يىلى سۇدان گۇرۇھىنى تەشكىللەشكە ياردەملەشكەن. 1946 - يىلى سۇدان ئىتتىپاقىنى بەرپا قىلىپ، ئۇنى ئافرىقا دېموكراتىك ئىتتىپاقىنىڭ ياچېيكىسى قىلغان. پارىژدا قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە سولانغان. 1947 - يىلى قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن سۇدان ئىتتىپاقى پارتىيىسىنىڭ باش سېكرىتارى بولغان. 1948 - يىلى سۇدان خوجىلىق يېرى پارلامېنتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1950 ـ يىلى فرانسىيە مۇستەملىكىچى دائىرلىرى تەرىپىدىن سەھرادا ئوقۇتقۇچى بولۇشقا سۈرگۈن قىلىنغان. 1952 - يىلى يەنە سۇدان خوجىلىق يېرى پارلامېنتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. مۇئاۋىن پارلامېنت باشلىقى بولغان. 1956 - يىلى فرانسىيە مىللىي پارلامېنتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان، مۇئاۋىن پارلامېنت باشلىقى بولغان. 9195 - يىلى مالى قوشما شتاتى (سېنېگال بىلەن مالىدىن تەشكىل تاپقان) نىڭ زۇڭلىسى بولغان. 1960 - يىلى 9 - ئاينىڭ 22 ـ كۈنى مالى مۇستەقىل بولغاندا، زۇڭتۇڭ، قوشۇمچە زۇڭلى بولغان. ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە تىنچ بىتەرەپ تۇرۇش ۋە ئىتتىپاق تۈزمەسلىك سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئافرىقا مىللىي مۇستەقىللىك ھەرىكىتىنى قوللىغان. 1964 - يىلى جۇڭگونى زىيارەت قىلغان. 1968 - يىلى نويابردىكى ھەربىي سىياسەت ئۆزگىرىشىدە قولغا ئېلىنپ، سولاقتا ئۆلۈپ كەتكەن.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
kǎi tǎ
كايتا
凯塔〈独联体〉
kǎi tǎ
كايتا