Uyghur←Chinese主要词典
كايما ئېگىزلىكى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
凯马
kǎi mǎ
چاۋشىيەننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بازالىت جىنسلىق پلاتفورمىدىن ئىبارەت. دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى تەخمىنەن 1200 مېتىر بولۇپ، <چاۋشىيەننىڭ ئۆگزىسى> دەپ ئاتىلىدۇ. ئېگىز تەكشىلىكنىڭ شەرقى ئېگىز، غەربى پەسرەك كېلىدۇ، ئوتتۇرا قىسمىدىكى بىشۈي بەيسەن چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكى 2522 مېتىرغا يېتىدۇ. ھاۋاسى سوغۇق، يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 1℃-2℃، بىرىنچى ئايلىق ئوتتۇرىچە ئەڭ تۆۋەن ھاۋا تېمپېراتۇرىسى -25℃ قا يېتىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 580-750 مىللىمېتىر، سۇ كۈچى بايلىقى ناھايىتى مول. مىس، گۈڭگۈرت، تۆمۈر، كۆمۈر قاتارلىق كان بايلىقلىرى بار. بۇغداي، كۆممىقوناق، ياڭيۇ، ئاسىيا كەندىرى، قىزىلچا قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ