Uyghur主要词典
كايىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىراۋغا دىلغا تېگىدىغان، جاندىن ئۆتىدىغان، كۆڭۈلنى بۇزىدىغان گەپلەرنى قىلماق.
« قارغىماق » نىڭ يامان تىلەك تىلەش مەنىسى بار.
« تىل سالماق »، « تىل ياغدۇرماق » ئارقا _ ئارقىدىن تىللاشنى كۆرىسىتىدۇ.
تىللاش _ داۋلى بىلمەيدىغاننىڭ داۋلىسى. ھاياتنى كايىپ، لېكىن يەنىلا ياشاپ يۈرگەن ئادەمدىن ئۇنى ئالقىشلاپ ياشىغان ئادەم ئەقىللىق ئەمەسمۇ؟ سەن ئۆزۈڭنى كايىشنى بىلسەڭ خوپ، باشقىلارنىڭ كايىشىنى ئاڭلىمايسەن كۆپ. شاراب ئىچكەندە سۆكۈپ، مەست بولغاندا سۆيۈپتۇ.قاغىنىڭ قارغىغىنى بۇلبۇلغا كار قىلماس. ھاقارەتلىگەنگە بىر تال تۈكۈم زايە بولمايدۇ. ئاھانەت قىلساڭ، ئاھانەت كۆرۈسەن. ئۇ قاراپ تۇرۇپلا تىل سالدى. تىلىڭنى تارت،تىل تەككۈزمە. ئۇ ئۇنىڭغا تىل ياغدۇردى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر نەرسە تەييارلاش ئۈچۈن ئۇرۇنماق، ئاۋارە قىلماق.
بارنى ئايىما، يوققا كايىما. تولا جوۋاپ كەتلە، رەھمەت. جورىغانغا جان كىرمەيدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
خاپا بولماق، ئاچچىقلانماق.
سېلىم كەلگەندە دوختۇرلاردىن بىرى ھېلىقى ئايالغا قاتتىق كايىۋاتاتتى.
ئاۋارە بولماق، مۇشەققەت تارتماق.
بىلگىنىڭنى ئەلدىن ئايىما، بىلمىگەننى بىلىمەن دەپ كايىما (ماقال).