Uyghur←Chinese主要词典
كايبارا ئېكىكىن
دۇنيا تارىخى
贝原益轩
bèi yuán yì xuān
(1630 - 1714) ياپونىيە ئىدونىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئالىم. فوكۇدا تۇغۇلغان. ئىسمى ئاتسۇنوبۇ، تەخەللۇسى كومى. دادىسى ۋاسسال كۇرودا ئائىلىسىدە مەنسەپدار بولغان. ياش ۋاقتىدا ۋاسسسالنىڭ غەزىپىگە ئۇچراپ قوغلىنىپ، ناگاساكىنى ساياھەت قىلغاچ تىبابەتچىلىكنى ئۆگەنگەن. 1656 - يىلى (مېرېكى ئىككىنچى يىلى) قايتىپ كېلىپ، ۋاسساللىقنىڭ دوختۇرى بولغان. تەلىماتلىرىدا جۈزئى تەلىماتىنى ئاساس قىلىپ، لۇجيۇيۈەن، ۋاڭ شۇرېن تەلىماتىنى تەتقىق قىلىپ، ئۆزىنى شۇلار بىلەن بىر ئېقىمدا دەپ قارىغان. 1665 - يىلى (كارنىئېنىڭ بەشىنچى يىلى) دىن باشلاپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن يېزىقچىلىق قىلىپ، 98 قىسىملىق، 247 جىلدلىق كىتاب يېزىپ چىققان. جۇڭگولۇق لى شىجىننىڭ <دورا ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى> دېگەن كىتابنىڭ تەسىرى بىلەن 1708 - يىلى (تاكاراتونىڭ بەشىنچى يىلى) <ياماتو دورا ئۆسۈملۈكلىرى>نى يېزىپ، ياپونىيەنىڭ تەبىئەتشۇناسلىقى ۋە ئۆسۈملۈكشۇناسلىقى ئۈچۈن ئاساس سېلىپ بەرگەن. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىد <ئومۇمىي گۇماندىن خاتىرىلەر> نى يېزىپ، سۇڭ دەۋرى كۇڭزىچىلىقىدىن گۇمانلانغان.