Uyghur←Chinese主要词典
كاگۇلې ئونسۇرلىرى
دۇنيا تارىخى
喀古尔分子
kā gǔ ěr fēn zǐ
يەنە نىقابلىق مۇرىتلار دەپمۇ ئاتالغان. فرانسىيىدىكى فاشىستىك تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى. فرانسۇزچە كاگۇلې دەپ ئاتىلىدىغان، پەقەت ئىككى كۆزىلا كۆرۈنىدىغان بىرخىل قالپاقنى كىيىۋالىدىغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1936 - يىلى خەلق فرونتى ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپ، فاشىستىك تەشكىلاتلارنى تارقىتىۋېتىدىغانلىقى ئېلان قىلغاندىن كېيىن مەخپىي قۇرۇلغان. ئۇنىڭ ئاساسىي رەھبەرلىرى مارشال دېسفېر، گراف تىپورگ قاتارلىق ئىنتايىن ئوڭچى ئۇنسۇرلار ئىدى. ئۇلار فرانسىيىدە فاشىستىكى دىكتاتۇرا ئورنىتىشقا ئۇرۇنۇپ، تۈرلۈك بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارغان. بۇ تەشكىلات 1937 - يىلى پاش قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ھېچقانداق جازاغا تارتىلمىغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلدە، گېرمانىيە ئىشغالىيەتچى قوشۇنىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتقان. ئۇرۇشتىن كېيىن ئۇنىڭ ئاساسىي ئەزالىرى قولغا ئېلىنىپ جازالانغان.