Chinese→Uyghur主要词典
卡芬雅克
دۇنيا تارىخى
كاۋىنياك
(1802 - 1857) فرانسىيىلىك ھەربىي. كىچىك چېغىدا پارىژ ئۇنىۋېرسال تېخنىكا مەكتىپىدە ئوقۇغان. ئارمىيىگە قاتناشقاندىن كېيىن يۇنان ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1832 - يىلى ئالجىرىيىگە ئەۋەتىلىپ مۇستەملىكىچىلەرنى بويسۇندۇرۇش جەھەتتە خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، 1844 - يىلى گېنرال برىگادىرلىققا ئۆستۈرۈلگەن. 1848 - يىلى فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن ئالجىرىيىگە باش ۋالىي بولغان، 4 - ئايدا پارلامېنتىغا سايلانغان، 5 - ئايدا قۇرۇقلۇق ئارمىيە مىنستىرى بولغان. ئىيۇن قوزغىلىڭى ۋاقتىدا مىللىي پارلامېنت بەرگەن ئىستىبداتلىق ھوقۇققا بىنائەن ئىشچىلار قوزغىلىڭىنى ۋەھشىيلەرچە باستۇرغان. شۇنىڭ بىلەن <ئىيۇن جاللىتى> دەپ ئاتالغان. 6 - ئاينىڭ 28 ـ كۈنى فرانسىينىڭ ئەڭ يۇقىرى مەمۇرىي ئەمەلدارى بولۇپ، ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىپ، ھەربىي ھۆكۈمرانلىقىنى يولغا قويغان، شۇ يىلى 12 ـ ئايدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمىدا لۇئى بۇناپارت تەرەىپىدىن يېڭىلگەن. كېيىن بۇناپارت ھۆكۈمىتىدىكى ئۆكتىچلەردىن بولۇپ قالغان. 1851 - يىلى بىر مەزگىل قولغا ئېلىنغان. كېيىنكى يىلى قانۇن تۇرغۇزۇش ئۆمىكىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. لېكىن يېڭى پادىشاھقا سادىق بولۇش توغرىسىدا قەسەم بېرىشنى رەت قىلغانلىقتى، سىياسىي ساھەدىن چېكىنىپ چىققان. ئۇنىڭ ئەسلىمىلىرى ۋە خەت - ئالاقىدار توپلىمى بار.