Chinese→Uyghur主要词典
卡尔洛维茨和约
دۇنيا تارىخى
كارلوۋىتس سۈلھ شەرتنامىسى
ئاۋستىرىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن سۈلھ شەرتنامە. 1684 - 1697 - يىللاردىكى ئاۋستىرىيە - تۈركىيە ئۇرۇشىدا، ئاۋستىرىيە قوشۇنى تۈركىيە قوشۇنىغا زەربە بېرىپ، تۈركىيىنى تەسلىم بولۇشقا مەجبور قىلغان. شۇنىڭ بىلەن 1699 - يىل 1 - ئاينىڭ 26 - كۈنى مەزكۇر شەرتنامە ئىمزالانغان. شەرتنامە بويىچە: ۋېنگرىيە، ترانسىلۋانىيە، كرودىيە ۋە سىلوۋېنسىيىلەرنىڭ ئاۋستىرىيە ھابىسبۇرگ خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا تەۋە بولغان. ۋېنتسىيە ئاۋسترىيە تەرەپتە تۇرۇپ ئۇرۇشقا قاتناشقانلىقتىن، شەرتنامىگە ئاساسەن، مورىيە، دالماتسىيە ۋە گېرتسېگوۋىنانىڭ بىر قىسمىغا ئىگە بولغان. شۇنىڭ بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ياۋرۇپانىڭ ئەمەلىي كۈچ تەڭپۇڭلۇقى ئۆزگەرتىلگەن.