Chinese→Uyghur主要词典
卡尔大公
دۇنيا تارىخى
كىنەز كارل
(1771 - 1847) ئاۋسترىيە مارشالى. ھەربىي يازغۇچى. لېئوپولد Ⅱ نىڭ ئۈچىنچى ئوغلى. فرانىس Ⅱ نىڭ ئىنىسى. 1792 - 1793 - يىللىرى پرۇسسىيە - ئاۋسترىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىگە قاتنىشىپ، فرانسىيە ئىنقىلابىغا قوراللىق مۇداخىلە قىلغان. 1793 - يىلى، ئاۋسترىيىگە قاراشلىق نىدېرلاندىيىنىڭ باش ۋالىيسى بولغان. 1796 - 1799 - يىللىرى ئاۋسترىيە رېيىن رايونى ھەربىي ئىشلار قوماندانى بولۇپ، فرانسىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلغان. 1801 - يىلى ئوردا ھەربىي ئىشلار كومىتېتى رەئىسى بولغان. 1805 - يىلى ئاۋسترىيە ئارمىيىسى ئۇلىم ۋە ئوستېرلىتىس جېڭىدە مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرلىكىگە تەيىنلەنگەن، ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋاقتىدا ھەربىي ئىسلاھات ئېلىپ بارغان. 1809 - يىلى فرانسىيىگە قارشى 5 - قېتىملىق ئىتتىپاق مەزگىلىدە ئاۋسترىيە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان. كېيىن كەينى - كەينىدىن قاتتىق مەغلۇپ بولۇپ، ئاۋسترىيە پادىشاھى تەرىپىدىن ۋەزىپىسى ئېلىپ تاشلانغان. 1836 - يىلى 12 - ئايدا، دۆلەت ئىشلىرى مەجلىسىدىن چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىن، سىياسىي ساھەدىن چېكىنىپ چىققان. ئۇنىڭ ھەربىي ئىشلارغا دائىر <گېرمانىيەنىڭ 1796 - يىلىدىكى ئۇرۇش ۋەزىيىتىدىن ستراتىگىيىلىك پرىنسىپلار توغرىسىدا>، <ھەربىي يولباشچىلارنىڭ تاكتىكىسى توغرىسىدا> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.