Uyghur←Chinese主要词典
كادېتلار پارتىيىسى
دۇنيا تارىخى
立宪民主党
lì xiàn mín zhǔ dǎng
روسىيەدىكى بۇرژۇئا پارتىيىسى. 1905 - يىلى 10 - ئايدا بۇرژۇئا زىيالىيلىرى ۋە <لىبېرالست> پومىشچىكلار تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان. كاتتېبېشى مىليۇكوۋ قاتارلىقلار. ئۇلار دېموكراتىيىنى بازارغا سېلىپ، ئۆزلىرىنى <خەلق ئەركىنلىكى پارتىيىسى> دەپ ئاتىغان. 1905 - 1907 - يىللىرى ئاساسلىقى دۇمانى پائالىيەت مەركىزى قىلغان. مۇنارخىيىلىك ئاساسىي قانۇننى تەشەببۇس قىلىپ، چارپادىشاھ ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، دېھقانلارنى ئىنقىلابتىن چەتلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋاقتىدا چارپادىشاھنىڭ جاھانگىرلىك ئۇرۇشى سىياسىتىنى قوللىغان. فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن بىر دومىلاپ جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى تەشەببۇس قىلىپ، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن. خەلققە دۈشمەنلىك بىلەن قاراپ، ئىنقىلابقا قارشى تۇرۇپ، كونىلوۋ توپىلىڭىنى پىلانلىغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن، جاھانگىرلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، قوراللىق مۇداخىلە ئېلىپ بارغان. سوۋېت ھاكىمىيىتىگە قارشى توپىلاڭنى پىلانلىغان. 1917 - يىلى 12 - ئايدا سوۋېت ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. كۆپ ساندىكى كاتتىباشلىرى چەت ئەلگە قېچىپ كېتىپ، داۋاملىق تۈردە ئەكسىلئىنقىلابىي ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغان. 1924 - يىلى ئىچكى جەھەتتە پارچىلىنىپ تۈگەشكەن.