Uyghur主要词典
كابىر
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن 1440 - 1518). ھىندىستان باكتى مەزھىپىنىڭ داھىيىسى، شائىر. ئەسلىدە بېنالېس شەھىرىدىكى توقۇمىچىلىق ئىشچىسى (يەنە بىر ئېيتىلىشىچە تۆمۈرچى ئىكەن) بولۇپ، دادىسى ئىسلام دىنىنىڭ، ئانىسى ھىندى دىنىنىڭ مۇرىتى. ئۇ تائىپە تۈزۈمىگە، بۇدقا چوقۇنۇشقا ۋە چۇۋالچاق دىنىي رەسمىيەتلەرگە قارشى تۇرۇپ، دىننى ئىسلاھ قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئىسلام دىنى بىەن ھىندى دىنىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە تىرىشىپ، مەيلى قايسى خىل دىن بولسۇن، پەقەت بىرلا ئىلاھ بولۇپ، ئىلاھ ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولىدۇ، دەپ قارىغان ۋە ئىسلام دىنىنىڭ مۇرىتلىرىنى ھىندى دىنىنىڭ مۇرىتلىرى بىلەن ئىتتىپاقلىشىشقا چاقىرغان. كېيىن بېنالېستىن قوغلاپ چىقىرىلغان، شمالىي ھىندىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا دىن تارقاتقان، ئۇنىڭ مۇرىتلىرى ناھايىتى كۆپ بولغان. كۆپلىگەن شېئىرلارنى يازغان.