Uyghur主要词典
كاڭ
ئۇيغۇرلارنىڭ ئولتۇراق ئادىتى
بۇ ھاۋا كىلىماتى بىر قەدەر سوغۇق رايونلاردا قىش كۈنى ئىسىنىش ئۈچۈن مەخسۇس ياسالغا قۇرۇلما. ئۇ مۇنداق ياسىلىدۇ: ئالدى بىلەن ئۆينىڭ تۆر تەرىپىگە بىر سۇپا ياسىلىدۇ. سۇپا ئۈستىگە خام كېسەك بىلەن تۈتۈن يولى چىقىرىلىدۇ. بۇ بۇلۇڭغا مورا چىقىرىلىدۇ. ئاندىن تۈتۈن يولىنىڭ ئۈستىگە كاڭمەنزە يېپىلىدۇ كاڭمەنزە (ئون بەش سانتىمېتر سالغان كېسەك)، كاڭمەنزىنىڭ ئۈستى ئىنچىكە سۇراق بىلەن سۇۋۇلىدۇ. ئوچاققا قالانغان ئوتنىڭ تۈتۈنى تۈتۈن يولى ئارقىلىق مورىغا بېرىپ سىرتقا چىقىپ كېتىدۇ. تۈتۈن ئارقىلىق كاڭمەنزە قىزىپ ئۆينى ئىسسىتىدۇ. كاڭنى ئىسسىتىش ئۈچۈن ئوچاق ياكى پىلتە سېلىنىدۇ.
كاڭغا كىگىز، پالاز ياكى گىلەم سېلىنىدۇ. قىش كۈنلىرى بولۇپمۇ ئۇششاق بالىلىرى بار ئائىلىلەردە كاڭ مۇھىم رول ئوينايدۇ. بەل ئاغرىقى، رېماتىزم قاتارلىق سوغۇق يەلدىن پەيدا بولىدىغان كېسەللەر ئۈچۈن كاڭدا يېتىپ - قوپۇشنىڭ شىپالىق رولى چوڭ. (ر)
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
خەنزۇچە
بوتانىكا
ئۆينىڭ ئىچىگە خىش ياكى كېسەكتىن ئېگىز قىلىپ ياسىلىدىغان سۇپا شەكىللىك قۇرۇلما. ئۇنىڭ ئوچىقى، تېگىدە ئىس ماڭىدىغان يوللىرى بولىدۇ. ئوچاقتا ئوت قالىغاندا ئىسنىڭ تەسىرىدە ئۆي ئىسسىيدۇ. ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ئارام ئېلىشقىمۇ، يېتىپ ئۇخلاشقىمۇ بولىدۇ.
يىگىتلەر چىراغ كۆتۈرۈپ ئىچكىرىكى بىر ئۆيگە كىرگەندە 17 - 18 ياشلاردىكى بىر قىز كاڭدا سوزۇلۇپ ياتاتتى.
تۆمۈرچىلەر ئىشلىتىدىغان شامال ساندۇقنىڭ ئاستىنقى قېرىنچىسى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تەقلىد
ئىتنى ئۇرغاندا ياكى ئىت بىر نەرسىدىن زەربە يېگەندە چىقىدىغان ئاۋاز.
مەيدىسىگە سوغۇق تەگكەنلىك تۈپەيلى قاتتىق يۈتەلگەندە چىقىدىغان ئاۋاز