Uyghur主要词典
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسى
قانۇنلار
(1986 - يىلى 4 - ئاينىڭ 12 - كۈنى 6 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4 - يىغىنىدا ماقۇللانغان)
1 - باب ئاساسىي پرىنسىپ
1 - ماددا بۇ قانۇن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىش، پۇقرالارنىڭ، قانۇنىي ئىگىلەرنىڭ ھەق تەلەپ جەھەتتىكى قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، ھەق تەلەپ مۇناسىۋەتلىرىنى توغرا تەڭشەش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا ۋە مەملىكىتىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىنائەن، ھەق تەلەپ ئىشلىرىنىڭ ئەمەلىي تەجرىبىلىرىنى كۈنلەش ئاساسىدا تۈزۈلىدى.
2 - ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇنى باراۋەت ئىگە بولغان پۇقرالار ئوتتۇرىسىدىكى، قانۇنىي ئىگىلەر ئوتتۇرىسىدكى، پۇقرالار بىلەن قانۇنىي ئىگىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مال - مۈلۈك مۇناسىۋەتلىرىنى ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتلىرىنى تەڭشەيدۇ.
3 - ماددا دەۋالاشقۇچىلار ھەق تەلەپ ئىشلىرىدا باراۋەر ئورۇنغا ئىگە.
4 - ماددا ھەق تەلەپ ئىشلىرىدا ئىختىيار قىلىش، ئادىل بولۇش، تەڭ قىممەتتە ھەق تۆلەش، سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك.
5 - ماددا پۇقرالارنىڭ ۋە قانۇنىي ئىگىلەرنىڭ ھەق تەلەپ ئىشلىرىدىكى قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتى قانۇن بىلەن قوغدىلىدۇ، ئۇنىڭغا ھەر قانداق تەشكىلات ۋە شەخىسنىڭ دەخلى - تەرۇز قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
6 - ماددا ھەق تەلەپ ئىشلىرىدا قانۇنغا رىئايە قىلىش كېرەك، قانۇندا بەلگىلەنمىگەن ئىشلاردا دۆلەتنىڭ سىياسىتىگە رىئايە قىلىش لازىم.
7 - ماددا ھەق تەلەپ ئىشلىرىدا ئىجتىمائىي ئەخلاققا ھۆرمەت قىلىش لازىم، جامائەت مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشكە، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي پىلانىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا، جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشقا يول قويۇلمايدۇ.
8 - ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدىكى ھەق تەلەپ ئىشلىرىغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنى تەتبىق قىلىنىدۇ، قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
مۇشۇ قانۇننىڭ پۇقرالار توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلىرى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدىكى چەت ئەللىكلەرگىمۇ، دۆلەت تەۋەلىكى يوق كىشىلەرگىمۇ تەتبىق قىلىنىدۇ، قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
2 - باب پۇقرا (جىسمانىي شەخس)
1 - بۆلۈم ھەق تەلەپ ئىشلىرىدىكى ھوقۇق سالاھىيىتى ۋە ھەرىكەت سالاھىيىتى
9 - ماددا پۇقرالار تۇغۇلغان ۋاقىتتىن تارتىپ ۋاپات بولغانغا قەدەر ھەق تەلەپ ئىشلىرىدا ھوقۇق سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ، قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، ھەق تەلەپ مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
10 - ماددا پۇقرالار ھەق تەلەپ ئىشلىرىدا بابباراۋەر ھوقۇق سالاھىيىتىگە ئىگە.
11 - ماددا 18 ياشتىن ئاشقان پۇقرالار ياش قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەردۇر، ئۇلار ھەق تەلەپ ئىشلىرىدا تولۇق ھەرىكەت سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇپ، ھەق تەلەپ ئىشلىرىنى مۇستەقىل ئېلىپ بارالايدىغان، ھەق تەلەپ ئىشلىرىدا تولۇق ھەرىكەت سالاھىيىتىگە ئىگە كىشىلەردۇر.
16 ياشتىن يۇقىرى، 18 ياشتىن تۆۋەن پۇقرالاردىن ئۆزىنىڭ ئەمگەك دارامىتىنى ئاساس قىلىپ تۇرمۇش كەچۈرگەنلەر ھەق تەلەپ ئىشلىرىدا تولۇق ھەرىكەت سالاھىيىتىگە ئىگە بولغانلار دەپ قارىلىدۇ.
12 - ماددا ئون ياشنىڭ ئۈستىدىكى ياش قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ھەق تەلەپ ئىشلىرىدا ھەرىكەت سالاھىيىتى چەكلىك كىشىلەردۇر. ئۇلار يېشىغا ۋە ئەقلىگە ماس كېلىدىغان ھەق تەلەپ ئىشلىرىنى ئېلىپ بارسا بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ باشقا ھەق تەلەپ ئىشلىرى قانۇنىي ۋاكالەتچىسىنىڭ ۋاكالەتچىلىكى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ ياكى قانۇنىي ۋاكالەتچىسىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ.
ئون ياشنىڭ ئاستىدىكى ياش قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ھەق تەلەپ ئىشلىرىدا ھەرىكەت سالاھىيىتى يوق كىشىلەردۇر. ئۇلارنىڭ ھەق تەلەپ ئىشلىرىنى قانۇنىي ۋاكالەتچىسى ۋاكالىتەن ئېلىپ بارىدۇ.
13 - ماددا ئۆز ھەرىكىتىنى ئاڭقىرالمايدىغان روھىي كېسەللەر ھەق تەلەپ ئىشلىرىدا ھەرىكەت سالاھىيىتى يوق كىشىلەردۇر. ئۇلارنىڭ ھەق تەلەپ ئىشلىرىنى قانۇني ۋاكالەتچىسى ۋاكالىتەن ئېلىپ بارىدۇ.
ئۆز ھەرىكىتىنى تولۇق ئاڭقىرالمايدىغان روھىي كېسەللەر ھەق تەلەپ ئىشلىرىدا ھەرىكەت سالاھىيىتى چەكلىك كىشىلەردۇر. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ روھىي ھالىتىگە ۋە سالامەتلىك ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان ھەق تەلەپ ئىشلىرىنى قانۇنىي ۋاكالەتچىسىنىڭ ۋاكالەتچىلىكى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ ياكى قانۇنىي ۋاكالەتچىسىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ.
14 - ماددا ھەق تەلەپ ئىشلىرىدا ھەرىكەت سالاھىيىتى يوق كىشىلەرنىڭ ۋە ھەرىكەت سالاھىيىتى چەكلىك كىشىلەرنىڭ ۋەسىيلىرى ئۇلارنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىلىرىدۇر.
15 - ماددا پۇقرالارنىڭ نوپۇسى ئېلىنغان ئورۇندىكى تۇرۇشلۇق جايى ئولتۇرۇشلۇق ماكانى بولىدۇ، دائىم تۇرۇشلۇق جايى ئولتۇرۇشلۇق ماكانى بىلەن بىر بولمىسا، دائىم تۇرۇشلۇق جايى ئولتۇرۇشلۇق ماكانى دەپ قارىلىدۇ.
2 - بۆلۈم ۋەسىيلىك
16 - ماددا ياش قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا - ئانىسى شۇلارنىڭ ۋەسىيىسى بولىدۇ.
ياش قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا - ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن بولسا ياكى ۋەسىيلىك سالاھىيىتىدىن قالغان بولسا، ۋەسىيلىكنى ۋەسىيلىك سالاھىيىتىگە ئىگە تۆۋەندىكى كىشىلەر ئۈستىگە ئالىدۇ:
(1) بوۋىلىرى، مومىلىرى؛
(2) ئاكىلىرى، ئاچىلىرى؛
(3) ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالايدىغان مۇناسىۋىتى يېقىن باشقا تۇغقانلىرى ۋە دوستلىرىدىن ياش قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا - ئانىسى تۇرۇشلۇق ئورۇن ياكى ياش قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى ئاھالە كومىتېتى، مەھەللە كومىتېتى ماقۇل كۆرگەنلەر.
ۋەسىيلىك قىلىدىغان ئادىمى ئۈستىدە تالاش - تارتىش تۇغۇلغانلارغا ياش قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا - ئانىسى تۇرۇشلۇق ئورۇن ياكى ياش قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى ئاھالە كومىتېتى، مەھەللە كومىتېتى ياش قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى ئىچىدىن ۋەسىي بەلگىلەپ بېرىدۇ. بەلگىلەپ بېرىلگەن ۋەسىيگە قايىل بولماي، ئەرز قىلغۇچىلار بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى كېسىم قىلىدۇ.
1 - ۋە 2 - تارماقتىكى بەلگىلىمىگە چۈشىدىغان ۋەسىيلەر يوقلارغا ياش قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا - ئانىسى تۇرۇشلۇق ئورۇن، ياش قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى ئاھالە كومىتېتى، مەھەللە كومىتېتى ياكى خەلق ئىشلار تارمىقى ۋەسىيلىك قىلىدۇ.
17 - ماددا ھەق تەلەپ ئىشلىرىدا ھەرىكەت سالاھىيىتى يوق ياكى ھەرىكەت سالاھىيىتى چەكلىك بولغان روھىي كېسەللەرگە تۆۋەندىكى كىشىلەر ۋەسىيلىك قىلىدۇ:
(1) جورىسى؛
(2) ئاتا - ئانىسى؛
(3) ياش قۇرامىغا يەتكەن پەرزەنتلىرى؛
(4) باشقا يېقىن تۇغقانلىرى؛
(5) ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالايدىغان مۇناسىۋىتى يېقىن باشقا تۇغقانلىرى ۋە دوستلىرىدىن روھىي كېسەللەر تۇرۇشلۇق ئورۇن ياكى روھىي كېسەللەر ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى ئاھالە كومىتېتى ماقۇل كۆرگەنلەر.
ۋەسىيلىك قىلىدىغانلار ئۈستىدە تالاش - تارتىش تۇغۇلسا، روھىي كېسەللەر تۇرۇشلۇق ئورۇن ياكى روھىي كېسەل ئولتۇرۇشۇلۇق جايدىكى ئاھالە كومىتېتى، مەھەللە كومىتېتى ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى ئىچىدىن ۋەسىي بەلگىلەپ بېرىدۇ. بەلگىلەپ بېرىلگەن ۋەسىيگە قايىل بولماي ئەرز قىلغۇچىلار بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى كېسىم قىلىدۇ.
1 - تارماقتىكى بەلگىلىمىگە چۈشىدىغان ۋەسىيلىرى يوقلارغا روھىي كېسەللەر تۇرۇشلۇق ئورۇن ياكى روھىي كېسەللەر ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى ئاھالە كومىتېتى، مەھەللە كومىتېتى ياكى خەلق ئىشلار تارمىقى ۋەسىيلىك قىلىدۇ.
18 - ماددا ۋەسىيلىك قىلغۇچى ۋەسىيلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى، ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىنىڭ ئۆزىنى، مال - مۈلكىنى ۋە باشقا جەھەتلەردىكى قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك، ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلىمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭ مال - مۈلكىنى نېرى - بېرى قىلىشقا بولمايدۇ.
ۋەسىيلەرنىڭ قانۇن بويىچە يۈرگۈزگەن ۋەسىيلىك ھوقۇقى قانۇن بىلەن قوغدىلىدۇ.
ۋەسىيلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان ياكى ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز قىلغان ۋەسىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ ۋەسىيلىك قىلىنغۇچىنىڭ مال - مۈلكىنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، زىياننى تۆلەپ بېرىشى كېرەك. خەلق سوت مەھكىمىسى ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ ياكى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن ۋەسىيلەرنىڭ ۋەسىيلىك سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلىيالايدۇ.
19 - ماددا روھىي كېسەللەر بىلەن مەنپەئەتدار كىشىلەر خەلق سوت مەھكىمىسىگە روھىي كېسەلنى ھەق تەلەپ ئىشلىرىدا ھەرىكەت سالاھىيىتى يوق كىشى ياكى ھەرىكەت سالاھىيىتى چەكلىك كىشى دەپ جاكارلاشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ھەق تەلەپ ئىشلىرىدا ھەرىكەت سالاھىيىتى يوق ياكى ھەرىكەت سالاھىيىتى ئۇنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئەھۋالىغا قاراپ، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ياكى ئۇنىڭ بىلەن مەنپەئەتدار كىشىلەرنىڭ ئىلتىماسى بويىچە، ھەق تەلەپ ئىشلىرىدا ھەرىكەت سالاھىيىتى چەكلىك كىشى دەپ ياكى ھەرىكەت سالاھىيىتى تولۇق كىشى دەپ جاكارلىسا بولىدۇ.
3 - بۆلۈم يوقاپ كەتكەنلىكنى ۋە ئۆلگەنلىكنى جاكارلاش
20 - ماددا ئىز - دېرىكى ئىككى يىلغىچە مەلۇم بولمىغان پۇقرانى يوقاپ كەتكەن كىشى دەپ جاكارلاش توغرىسىدا ئۇنىڭ بىلەن مەنپەئەتدار كىشىلەر خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئىلتىماس سۇنسا بولىدۇ.
ئۇرۇش مەزگىلىدە ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ يوقاپ كەتكەن ۋاقتى ئۇرۇش ئاياغلاشقان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.
21 - ماددا يوقاپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ مال - مۈلكىنى ئۇنىڭ جورىسى، ئاتا - ئانىسى، ياش قۇرامىغا يەتكەن پەرزەنتلىرى ياكى مۇناسىۋىتى يېقىن باشقا تۇغقانلىرى، دوستلىرى ۋاكالىتەن باشقۇرىدۇ، ۋاكالىتەن باشقۇرۇش ئۈستىدە تالاش - تارتىش تۇغۇلسا، يۇقىرىقى بەلگىلىمىگە چۈشىدىغان ئادىمى بولمىسا ياكى يۇقىرىقى بەلگىلىمىگە چۈشىدىغان ئادىمىنىڭ ۋاكالىتەن باشقۇرۇشقا قۇربى يەتمىسە، خەلق سوت مەھكىمىسى بەلگىلىگەن كىشى ۋاكالىتەن باشقۇرىدۇ.
يوقاپ كەتكەن كىشىنىڭ بوينىدا قالغان باج پۇلىنى، قەرزىنى ۋە تۆلەشكە تېگىشلىك باشقا چىقىملىرىنى ۋاكالىتەن باشقۇرغۇچى ئۇنىڭ مال - مۈلكىدىن تۆلەيدۇ.
22 - ماددا يوقاپ كەتتى دەپ جاكارلانغان كىشى پەيدا بولۇپ قالسا ياكى ئۇنىڭ ئىز - دېرىكى ئېنىق مەلۇم بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇنى يوقاپ كەتتى دەپ چىقارغان ئېلانىنى شۇ كىشىنىڭ ياكى شۇ كىشى بىلەن مەنپەئەتدار كىشىنىڭ ئىلتىماسى بويىچە بىكار قىلىشى كېرەك.
23 - ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەن پۇقرانى ئۆلگەن دەپ جاكارلاش توغرىسىدا ئۇنىڭ بىلەن مەنپەئەتدار كىشىلەر خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئىلتىماس سۇنسا بولىدۇ:
(1) ئىز - دېرىكى تۆت يىلغىچە مەلۇم بولمىسا؛
(2) كۈتۈلمىگەن ۋەقە يۈز بەرگەنلىكتىن ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكىنىگە شۇ ۋەق يۈز بەرگەندىن باشلاپ ئىككى يىل توشقان بولسا.
ئۇرۇش مەزگىلىدە ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ يوقاپ كەتكەن ۋاقتى ئۇرۇش ئاياغلاشقان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.
24 - ماددا ئۆلدى دەپ جاكارلانغان كىشى پەيدا بولۇپ قالسا ياكى ئۇنىڭ ئۆلمىگەنلىكى ئېنىق مەلۇم بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇنى ئۆلدى دەپ چىقارغان ئېلانىنى شۇ كىشىنىڭ ياكى شۇ كىشى بىلەن مەنپەئەتدار كىشىنىڭ ئىلتىماسى بويىچە بىكار قىلىشى كېرەك.
ھەق تەلەپ ئىشىدا ھەرىكەت سالاھىيىتى بار كىشىنىڭ ئۆلدى دەپ جاكارلانغان مەزگىلىدە ھەق تەلەپ ئىشلىرى بويىچە ئېلىپ بارغان قانۇنىي ھەرىكىتى كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
25 - ماددا ئۆزى ئۈستىدە ئۆلدى دەپ چىقىرىلغان ئېلان بىكار قىلىنغان كىشى مال - مۈلكىنى قايتۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. مىراس قانۇنى بويىچە ئۇنىڭ مال - مۈلكىگە ئىگە بولغان پۇقرا ياكى تەشكىلات شۇ مال - مۈلۈكنىڭ ئۆزىنى قايتۇرۇپ بېرىشى، مال - مۈلۈكنىڭ ئۆزى بولمىسا، ئۇنى مۇۋاپىق يول بىلەن تۆلەپ بېرىشى كېرەك.
4 - بۆلۈم يەككە سودا - سانائەتچىلەر، يېزىلاردىكى ھۆددىگەر تىجارەتچىلەر
26 - ماددا پۇقرالاردىن قانۇن يول قويغان دائىرە ئىچىدە قانۇن بويىچە تەستىقلىنىپ تىزىمغا ئالدۇرغاندىن كېيىن، سودا - سانائەت تىجارىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يەككە سودا - سانائەتچىلەر ئۆز دۇكىنىغا ئىسىم قويسا بولىدۇ.
27 - ماددا يېزىلادىكى كوللېكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەزالىرىدىن قانۇن يول قويغان دائىرە ئىچىدە، ھۆددىگەرلىك توختامىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تاۋار تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغانلار يېزىلاردىكى ھۆددىگەر تىجارەتچىلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
28 - ماددا يەككە سودا - سانائەتچىلەرنىڭ، يېزىلاردىكى ھۆددىگەر تىجارەتچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتى قانۇن بىلەن قوغدىلىدۇ.
29 - ماددا يەككە سودا - سانائەتچىلەرنىڭ، يېزىلاردىكى ھۆددىگەر تىجارەتچىلەرنىڭ قەرزى شەخسىي تىجارەت قىلغانلارغا تەئەللۇق بولسا، شەخسنىڭ مال - مۈلىكىگە يۈكلىنىدۇ، ئائىلە بويىچە تىجارەت قىلغانلارغا تەئەللۇق بولسا، ئائىلىنىڭ مال - مۈلىكىگە يۈكلىنىدۇ.
5 - بۆلۈم شەخسلەر شېرىكچىلىكى
136 - ماددا پارتلاپ كېتىدىغان، ئاسان ئوت ئالىدىغان بۇيۇملار، رادىئوئاكتىپلىق، زەھەرلىك، چىرىتكۈچ بۇيۇملارنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش، ساقلاش، توشۇش ۋە ئىشلىتىش جەريانىدا زور ھادىسە تۇغدۇرۇپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
137 - ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى، لايىھىلىگۈچى، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ۋە قۇرۇلۇشقا نازارەت قىلغۇچى ئورۇنلار دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، قۇرۇلۇشنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىنى تۆۋەنلىتىپ زور بىخەتەرلىك ھادىسىسى سادىر قىلسا، بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلسا، بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تكۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
138 - ماددا مەكتەپ بىناسى ياكى مائارىپ ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، تەدبىر قوللانماي ياكى ئۇنى ۋاقتىدا مەلۇم قىلماي زور تالاپەت پەيدا قىلسا، بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلسا، ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
139 - ماددا ئوت ئاپىتىدىن ساقلىنىش قانۇن - نىزامىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا نازارەت قىلغۇچى ئورگاننىڭ تۈزىتىش تەدبىرى قوللىنىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى ئىجرا قىلماي ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان بولسا، بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان بولسا، ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
3 - باب سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تەرتىپىنى بۇزۇش جىنايىتى
1 - پاراگراف ساختا، ناچار تاۋارلارنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش جىنايىتى
140 - ماددا ئىشلەپچىقارغۇچىلار ۋە ساتقۇچىلاردىن مەھسۇلاتقا باشقا نەرسىلەرنى، ساختا نەرسىلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ، يالغاننى راست، ناچارنى ياخشى قىلىپ كۆرسىتىپ ياكى ئۆلچەمگە لايىق كەلمەيدىغان مەھسۇلاتنى ئۆلچەمگە لايىق مەھسۇلات قىلىپ كۆرسىتىپ ساتقان سوممىسى 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن بولغانلىرىغا ئىككى يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سېتىش سوممىسى 200 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن بولغانلىرىغا ئىككى يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سېتىش سوممىسى 500 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، ئىككى مىليون يۈەندىن تۆۋەن بولغانلىرىغا يەتتە يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ سېتىش سوممىسى ئىككى مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتكەنلەرگە 15 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى ئۇلارنىڭ مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.
141 - ماددا كىشىلەرنىڭ تەن سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغان يالغان دورا ئىشلەپچىقارغان ۋە ساتقانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ كىشىلەرنىڭ تەن سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ كىشىلەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى پەيدا قىلغانلىرىغا ياكى كىشىلەرنىڭ تەن سالامەتلىكىگە پەۋقۇلئاددە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلىرىگە 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى ئۇلارنىڭ مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.
بۇ ماددىدا ئېيتىلغان يالغان دورا <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دورا باشقۇرۇش قانۇنى> دىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە يالغان دورا ھېسابلىنىدىغان ۋە يالغان دورا قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدىغان دورىلارنى، دورا ئەمەس نەرسىلەرنى كۆرسىتىدۇ.
142 - ماددا ناچار دورا ئىشلەپچىقارغان ۋە ساتقانلاردىن كىشىلەرنىڭ تەن سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلىرىگە ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قوشۇمچە سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى ئۇلارنىڭ مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.
بۇ ماددىدا ئېيتىلغان ناچار دورا <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دورا باشقۇرۇش قانۇنى> دىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ناچار دورا ھېسابلىنىدىغان دورىلارنى كۆرسىتىدۇ.
143 - ماددا تازىلىق ئۆلچىمىەە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقارغان ۋە ساتقانلاردىن يېمەكلىكتىن ئېغىر دەرىجىدە زەھەرلىنىش ھادىسىسىنى ياكى يېمەكلىكتىن بولىدىغان باشقا ئېغىر كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا قىلىش خەۋپىنى تۇغدۇرغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم سېتىش سوممىسىنىڭ 05 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ كىشىلەرنىڭ تەن سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلىرىگە ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا يەتتە يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى ئۇلارنىڭ مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.
144 - ماددا ئىشلەپچىقارغان ۋە ساتقان يېمەكلىككە يېمەكلىكنىڭكىدىن باشقا زەھەرلىك، زىيانلىق خام ئەشيالارنى ئارىلاشتۇرغانلارغا ياكى يېمەكلىكنىڭكىدىن باشقا زەھەرلىك، زىيانلىق خام ئەشيالار ئارىلاشتۇرۇلغان يېمەكلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ساتقانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ يېمەكلىكتىن ئېغىر دەرىجىدە زەھەرلىنىش ھادىسىسىنى ياكى يېمەكلىكتىن بولىدىغان باشقا ئېغىر كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىپ، كىشىلەرنىڭ تەن سالامەتلىكىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ كىشىلەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى پەيدا قىلغانلارغا ياكى كىشىلەرنىڭ تەن سالامەتلىكىگە پەۋقۇلئاددە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلىرىگە مۇشۇ قانۇننىڭ 141 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
145 - ماددا دۆلەتنىڭ ۋە ساھەنىڭ تەن سالامەتلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە ئائىت ئۆلچىمىگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان داۋالاش ئەسۋابى، تېببىي تازىلىق ماتېرىيالى ئىشلەپچىقارغان ياكى دۆلەتنىڭ ۋە ساھەنىڭ تەن سالامەتلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە ئائىت ئۆلچىمىگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان، كىشىلەرنىڭ تەن سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغان داۋالاش ئەسۋابى، تېببىي تازىلىق ماتېرىيالى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ساتقانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ كىشىلەرنىڭ تەن سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلىرىگە ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى ئۇلارنىڭ مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.
146 - ماددا دۆلەتنىڭ ۋە ساھەنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىنى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە ئائىت ئۆلچىمىگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان ئېلېكتر سايمانلىرى، بېسىملىق قاچا ۋە ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان مەھسۇلات ياكى دۆلەتنىڭ ۋە ساھەنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىنى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۆلچىمىگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان باشقا مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقارغان ۋە ياكى دۆلەتنىڭ ۋە ساھەنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىنى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە ئائىت ئۆلچىمىگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان مەھسۇلات ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ساتقانلاردىن ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
147 - ماددا يالغان دېھقانچىلىق دورىسى، يالغان مال دوختۇرلۇق دورىسى ۋە يالغان خىمىيىۋى ئوغۇت ئىشلەپچىقارغان، يالغان، ياكى كۈچىدىن قالغان دېھقانچىلىق دورىسى، مال دوختۇرلۇق دورىسى، خىمىيىۋى ئوغۇت، ئۇرۇق ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ساتقانلار ياكى ئىشلەپچىقارغۇچىلار، ساتقۇچىلاردىن ئۆلچەمگە توشمايدىغان دېھقانچىلىق دورىسى، مال دوختۇرلۇق دورىسى، خىمىيىۋى ئوغۇت ۋە ئۇرۇقنى ئۆلچەمگە توشىدىغان قىلىپ كۆرسىتىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئېغىرراق زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ايكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ ئىشلەپچىقىرىشنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ ئىشلەپچىقىرىشنى پەۋقۇلئاددە زور زىياغان ئۇچراتقانلىرىغا يەتتە يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە سېتىش سوممسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى ئۇلارنىڭ مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.
148 - ماددا تازىلىق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان پەرداز بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقارغان ياكى تازىلىق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان پەرداز بۇيۇمى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ساتقانلاردىن ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم سېتىش سوممىسىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
149 - ماددا مۇشۇ پاراگرافتىكى 141 - ماددىدىن 148 - ماددىغىچە بولغان ماددىلاردا كۆرسىتىلگەن مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقارغان ۋە ساتقانلاردىن قىلمىشى شۇ ماددىلار بەلگىلەنگەن جىنايەتكە توشمىسىمۇ، سېتىش سوممىسى 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغانلىرىغا مۇشۇ پاراگرافنىڭ 140 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ. مۇشۇ پاراگرافنىڭ 141 - ماددىسىدىن 148 - ماددىسىغىچە بولغان ماددىلىرىدا كۆرسىتىلگەن مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقارغان ۋە ساتقانلاردىن قىلمىشى شۇ ماددىلاردا بەلگىلەنگەن جىنايەتكە توشىدىغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇشۇ پاراگرافنىڭ 140 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن جىنايەتكىمۇ توشىدىغانلىرىغا ئېغىرراق جازا بېرىش ھەققىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
150 - ماددا ئورۇنلاردىن مۇشۇ پاراگرافتىك 140 - ماددىدىن 148 - ماددىغىچە بولغان ماددىلاردا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا شۇ ماددىلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
2 - پاراگراف ئەتكەسچىلىك جىنايىتى
151 - ماددا قورال - ياراغ، ئوق - دورا، يادور ماتېرىيالى ياكى يالغان پۇل ئەتكەسچىلىكى قىلغانلارغا يەتتە يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى ئۇلارنىڭ مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
دۆلەت ئېكسپورت قىلىشنى مەنئى قىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، ئالتۇن، كۈمۈش ۋە باشقا قىممەتلىك مېتال ياكى دۆلەت ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىشنى مەنئى قىلغان ئەتىۋارلىق ھايۋان ۋە ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
دۆلەت ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىشنى مەنئى قىلغان ئەتىۋارلىق، ئاز ئۇچرايدىغان ئۆسۈملۈك ۋە ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
1 -، 2 - تارماقتا كۆرسىتىلگەن جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلەردىن قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلىرىغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.
ئورۇنلاردىن مۇشۇ ماددىدا بەلگىلەنگەن جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا مۇشۇ ماددىنىڭ تارماقلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
152 - ماددا پايدا تېپىش ياكى تارقىتىش مەقسىتىدە، شەھۋانىي كىنو فىلىمى، سىنئالغۇ - ئۈنئالغۇ لېنتىسى، سۈرەت، كىتاب - ژۇرنال ياكى باشقا شەھۋانىي بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
تاموژنىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىدىن قاچۇرۇپ، چېگرا سىرتىدىكى قاتتىق تاشلاندۇق، سۇيۇق تاشلاندۇق ۋە گاز تاشلاندۇقلىرىنى چېگرا ئىچىگە توشۇپ كىرگەنلەردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
ئورۇنلاردىن ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
153 - ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 151 -، 152 -، 347 - ماددىلىرىدا بەلگىلەنگەندىن باشقا مال ۋە بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلغانلارغا قىلمىشىنىڭ ئېغىر - يېنىكلىكىگە قاراپ تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ؛
(1) مال، بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلغانلاردىن ئوغرىلىغان، قاچۇرغان باج سوممىسى 500 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغانلىرىغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، ئوغرىلىغان، قاچۇرغان باج سوممىسىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلىرىغا مۇشۇ قانۇننىڭ 151 - ماددىسىنىڭ 4 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
(2) مال، بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلغانلاردىن ئوغرىلىغان، قاچۇرغان باج سوممىسى 150 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، ئوغرىلىغان، قاچۇرغان باج سوممىسىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلىرىغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، ئوغرىلىغان، قاچۇرغان باج سوممىسىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.
(3) مال، بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلغانلاردىن ئوغرىلىغان، قاچۇرغان باج سوممىسى 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 150 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، ئوغرىلىغان، قاچۇرغان باج سوممىسىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلىرىغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
كۆپ قېتىم ئەتكەسچىلىك قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنمىغانلارغا ئەتكەس مال، ئەتكەس بۇيۇملىرىنىڭ ئوغرىلىغان، قاچۇرغان باج سوممىسىنىڭ يىغىندىسى بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
154 – ماددا تۆۋەندىكى ئەتكەسچىلىك قىلمىشلىرىدىن مۇشۇ پاراگرافتىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەتكە توشىدىغانلىرىغا مۇشۇ قانۇننىڭ 153 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ:
(1) تاموژنىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي ھەمدە تاپشۇرۇدىغان باج سوممىسىنى تولۇقلاپ تاپشۇرماي تۇرۇپ، ئىمپورت قىلىشقا تەستىقلانغان، پىششىقلاپ ئىشلەپ بېرىشكە، قۇراشتۇرۇپ بېرىشكە كىرگۈزۈلگەن ۋە تۆلەم سودىسىغا كېرەكلىك بولغان خام ئەشيا – ماتېرىيال، دېتال، تەييار مەھسۇلات، ئۈسكۈنە قاتارلىق باجدىن خالىي ماللارنى چېگرا ئىچىدە ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن سېتىپ پايدا ئېلىش؛
(2) تاموژنىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي ھەمدە تاپشۇرىدىغان باج سوممىسىنى تۇلۇقلاپ تاپشۇرماي تۇرۇپ، بېجى ئالاھىدە بەلگىلىمە بويىچە كېمەيتىلىپ، كەچۈرۈم ئىچىدە ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن سېتىپ پايدا ئېلىش.
155 – ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلار ئەتكەسچىلىك جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەر قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىپ، مۇشۇ پاراگرافتىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جازالىنىدۇ:
(1) دۆلەت ئىمپورت قىلىشنى مەنئى قىلغان بۇيۇملارنى ئەتكەسچىلەردىن قانۇنسىز يول بىلەن بىۋاسىتە سېتىۋالغانلار ياكى ئەتكەسچىلىك يولى بىلەن ئىمپورت قىلغان باشقا مال ۋە بۇيۇملارنى ئەتكەسچىلەردىن قانۇنسىز يول بىلەن بىۋاسىتە سېتىۋالغانلاردىن مىقدارى كۆپرەك بولغانلار؛
(2) ئىچكى دېڭىز ۋە دېڭىز تەۋەلىكىمىزدە، پاسىل دەريا ۋە پاسىل كۆلىمىزدە دۆلەت ئىمپورت – ئېكسپورت قىلىشنى مەنئى قىلغان بۇيۇملارنى توشۇغان، سېتىۋالغان ۋە ئېلىپ – ساتقانلار ياكى دۆلەت ئىمپورت – ئېكسپورتقا چەك قويغان مال ۋە بۇيۇملارنى توشۇغان، سېتىۋالغان ۋە ئېلىپ – ساتقانلاردىن مىقدارى كۆپرەك بولغانلار ۋە قانۇنلۇق ئىسپاتى بولمىغانلار؛
156 – ماددا ئەتكەسچى جىنايەتچىلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئۇلارنى قەرز پۇل، مەبلەغ، ھېسابات نومۇرى، تالون، ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلىگەنلەر ياكى ئۇلارغا توشۇش، ساقلاش، پوچتىدىن ئەۋەتىش قۇلايلىقى ياكى باشقا قۇلايلىق تۇغدۇرۇپ بەرگەنلەر ئەتكەسپىلىك قىلغان ئورتاق جىنايەتچى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
157 – ماددا ئەتكەسچىلەرنى قوراللىق قوغدىغانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 151 – ماددىسىنىڭ 1 – ۋە 4- تارماقلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
ئەتكەسچىلەرنى تۇتۇشقا زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش يولى بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەنلەرگە ئەتكەسچىلىك جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەر ۋە مۇشۇ قانۇننىڭ 277 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خادىملارنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئۆتشىگە توسقۇنلۇق قىلىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەر قاتارىدا بىر نەچچە جىنايەتنى قوشۇپ جازالاش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
3 – پاراگراف شىركەت ۋە كارخانا باشقۇرۇش تەرتىپىگە دەخلى يەتكۈزۈش جىنايىتى
158 – ماددا شىركەتنى تىزىمغا ئالدۇرشنى ئىلتىماس قىلىشتا يالغان ئىسپات – ھۆججەتلەرنى ئىشلىتىپ ياكى تىزىمغا ئالدۇرىىدىغان كاپتالىنى باشقا ئالدامچىلىق ۋاستىسى بىلەن يالغان مەلۇم قىلىپ، شىركەت تىزىملاشقا مەسئۇل ئورگاننى ئالداپ شىركەتنى تىزىمغا ئالدۇرۇۋالغانلاردىن يالغان مەلۇم قىلىپ تىزىمغا ئالدۇرغان كاپىتال سوممىسى ناھايىتى كۆپ، ئاقىۋىتى ئېغىر ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، يالغان مەلۇم قىلىپ تىزىمغا ئالدۇرغان كاپتال سوممىسىنىڭ بىر پىرسەنتىدىن يۇقىرى، بەش پىرسەنتىدىن تۆۋەن قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ.
ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
159 – ماددا شىركەت تەشەببۇسچىلىرى ۋە پايچىلىرىدىن شىركەت قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، پۇل ۋە ماددىي بۇيۇملارنى تاپشۇرمىغان ياكى مال – مۈلۈك ھوقۇقىنى يۆتكىمەي كۆز بوياپ مەبلەغ چىقارغان مەبلىغىنىمۇ ئېلىۋالغانلاردىن مىقدارى ناھايىتى كۆپ، ئاقىۋىتى ئېغىر ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، كۆز بوياپ چىقارغان مەبلەغ سوممىسى ياكى ئېلىۋالغان مەبلەغ سوممىسىنىڭ ئىككى پىرسەنتىدىن يۇقىرى، ئون پىرسەنتىدىن تۆۋەن قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ.
ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
160 – ماددا پاي چېكىگە خېرىدار چاقىرىش چۈشەندۈرمىسى، پاي خېرىدارنامىسىدە، شىركەت، كارخانىلارنىڭ زايوم توپلاش چارىسىدە مۇھىم پاكىتنى يوشۇرۇپ ياكى زور يالغان مەزمۇن ئويدۇرۇپ، پاي چېكى ياكى شىركەت، كارخانا زايومى تارقاتقانلاردىن مىقدارى ناھايىتى كۆپ، ئاقىۋىتى ئېغىر ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قانۇنسىز توپلىغان مەبلەغ سوممىسىنىڭ بىر پىرسەنتىدىن يۇقىرى، بەش پىرسەنتىدىن تۆۋەن قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ.
ئۇلارنىڭ ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
161 – ماددا پايچىلارغا ۋە جامائەتچىلىككە ساختا ياكى مۇھىم پاكىتلار يوشۇرۇلغان مالىيە بوغالتىرلىق مەلۇماتىنى كۆرسىتىپ، پايچىلارنىڭ ياكى باشقا كىشىلەرنىڭ مەنپەئىتىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقان شىركەتلەرنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكار خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ.
162 – ماددا مۈلۈكنى ئېنىقلاش ۋاقتىدا مۈلۈكنى يوشۇرۇپ، كىرىم – چىقىم جەدۋىلى ياكى مۈلۈك تىزىملىكىنى تەييارلاشتا ساختىلىق قىلىپ ياكى قەرزىنى ئۈزمەي تۇرۇپ شىركەت ۋە كارخانىنىڭ مال – مۈلكىنى تەقسىم قىلىپ، ھەقدارلارنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن شىركەت ۋە كارخانىلارنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ.
قانۇن بويىچە ساقلىنىدىغان بوغالتىرلىق دوكۇمېنتى، بوغالتىرلىق ھېسابات دەپتىرى، مالىيە بوغالتىرلىق مەلۇماتىنى يوشۇرۇپ قويغان ياكى قەستەن يوق قىلىۋەتكەنلەردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
163 – ماددا ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، باشقىلاردىن پۇل – مال تەلەپ قىلىپ ياكى باقىلارنىڭ پۇل – مېلىنى قانۇنسىز ئېلىپ، باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزگەن شىركەت ۋە كارخانا خادىملىرىدىن مىقدارى كۆپرەك بولغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ مىقدارى ناھايىتى كۆپ بولغانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە مال – مۈلكى مۇسادىرە قىلىنسا بولىدۇ.
ئىقتىسادىي مۇئامىلىدە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۈرلۈك نامدىكى ئۈستەك، رەسمىيەت ھەققى ئېلىپ ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان شىركەت ۋە كارخانا خادىملىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
دۆلەت شىركەتلىرى ۋە كارخانىلىرىدا ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملاردىن ۋە دۆلەت شىركەتلىرى، دۆلەت كارخانىلىرى دۆلەت ئىلكىدە بولمىغان شىركەت ۋە كارخانىلارغا ھۆكۈمەت خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئەۋەتكەن خادىملاردىن ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلىرىغا مۇشۇ قانۇننىڭ 385 - ، 386 –ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
164 – ماددا نامۇۋاپىق مەنپەئەتنى كۆزلەپ، شىركەت ۋە كاخانا خادىملىرىغا پۇل – مال بەرگەنلەردىن مىقدارى كۆپرەك بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ مىقدارى ناھايىتى كۆپ بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قۇشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
پارا بەرگۈچىلەردىن پارا بېرىش قىلمىشىنى سۈرۈشتۈرۈشتىن ئىلگىرى ئۆزلۈكىدىن تاپشۇرغانلىرىغا يېنىكلىتىپ جازا بېرىلسە ياكى جازا كەچۈرۈم قىلىنسا بولىدۇ.
165 – ماددا دۆلەت شىركەتلىرى ۋە كارخانىلىرىنىڭ مۇدىر، دىرېكتورلىرىدىن ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، ئۆزى ئىشلەۋاتقان شىركەت ۋە كارخانىنىڭ تىجارىتى بىلەن ئوخشاش تىجارىتىنى ئۆزى باشقۇرۇپ ياكى باشقىلارغا باشقۇرۇپ بېرىپ قانۇنسىز پايدا ئالغانلاردىن مىقدارى ناھايىتى كۆپ بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى پەۋقۇلئاددە كۆپ بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
166 – ماددا دۆلەت شىركەتلىرى، كارخانىلىرى ۋە كەسپىي ئورۇنلىرىنىڭ خادىملىرىدىن ۋەزىپىسدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ دۆلەت مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ دۆلەت مەنپەئىتىنى پەۋقۇلئاددە زور زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ:
(1) ئۆز ئورنىنىڭ پايدا تاپىدىغان كەسپىنى ئۆز يېقىنىنىڭ باشقۇرۇشىغا بەرگەنلەر؛
(2) ئۆز يېقىنى باشقۇرۇۋاتقان ئورۇندىن بازار باھاسىدىن روشەن يۇقىرى باھادا تاۋار سېتىۋالغانلار ياكى ئۆز يېقىنى باشقۇرۇۋاتقان ئورۇنغا بازار باھاسىدىن روشەن تۆۋەن باھادا تاۋار سېتىپ بەرگەنلەر؛
(3) ئۆز يېقىنى باشقۇرۇۋاتقان ئورۇندىن ئۆلچەمگە توشمايدىغان تاۋار سېتىۋالغانلار.
167 – ماددا دۆلەت شىركەتلىرى، كارخانىلىرى ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىملىرىدىن توختان تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىش جەريانىدا، ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش تۈپەيلىدىن ئالدىنىپ دۆلەت مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ دۆلەت مەنپەئىتىنى پەۋقۇلئاددە زور زىيانغا ئۇپراتقانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
168 – ماددا دۆلەت شىركەتلىرى ۋە كارخانىلىرىنىڭ خادىملىرىدىن ئېغىر مەسئۇليەتسىزلىك قىلىپ ياكى خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە – كەلمەس پايدىلىنىپ، دۆلەت شىركەتلىرى ۋە كارخانىلىرىنىڭ ۋەيران قىلىپ ياكى ئېغىر زىيان تارتقۇزۇپ دۆلەت مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ دۆلەت مەنپەئىتىنى پەۋقۇلئاددە زور زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
دۆلەت كەسپىي ئورۇنلىرىنىڭ خادىملىرىدىن ئالدىنقى تارماقتىكى قىلمىشىنى سادىر قىلىپ، دۆلەت مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
دۆلەت شىركەتلىرى، كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلىرىنىڭ خادىملىرىدىن نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە 1 – تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
169 – ماددا دۆلەت شىركەتلىرى، كارخانىلىرى ياكى ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل خادىملىرىدىن نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، دۆلەت مۈلكىنى تۆۋەن باھادا پايغا سۇندۇرۇپ ياكى تۆۋەن باھادا سېتىپ دۆلەت مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئوچراتقانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ دۆلەت مەنپەئىتىنى پەۋقۇلئاددە زور زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
4 – پاراگراف پۇل مۇئامىلە باشقۇرۇش تەرتىپىنى بۇزۇش جىنايىتى
170 – ماددا يالغان پۇل ياسىغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلارغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال – مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ:
(1) يالغان پۇل ياساش گۇرۇھىدىكى باش ئۇنسۇرلار؛
(2) ياسىغان يالغان پۇلنىڭ مىقدارى پەۋقۇلئاددە كۆپ بولغانلار؛
(3) باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلار.
171 – ماددا يالغان پۇلنى ساتقان، سېتىۋالغا ياكى يالغان پۇل ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ توشۇغانلاردىن مىقدارى كۆپرەك بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى ناھايىتى كۆپ بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى پەۋقۇلئاددە كۆپ بولغانلىرىغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال – مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.
بانكا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى خادىملىرىدىن يالغان پۇل سېتىۋالغان ياكى ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ يالغان پۇلنى راست پۇلغا ئالماشتۇرۇۋالغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلارغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال – مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
يالغان پۇل ياسىغان ھەمدە ساتقان ياكى توشۇغانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 170 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
172 – ماددا يالغان پۇل ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىلكىدە تۇتقان ۋە ئىشلەتكەنلەردىن مىقدارى كۆپرەك بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى ناھيىتى كۆپ بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى پەۋقۇلئاددە كۆپ بولغانلىرىغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال – مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.
173 – ماددا پۇلنى ئۆزگەرتىپ ياسىغانلاردىن مىقدارى كۆپەرەك بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى ناھايىتى كۆپ بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
253 – ماددا پوچتا خادىملىرىدىن پوچتا يوللانمىلىرىنى ۋە تېلېگراممىلارنى ئۆز مەيلىچە ئاچقان ياكى تىقىۋالغان،يىرتىپ تاشلىۋەتكەنلىرىگە ئىككى يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزۈپ، پۇل – مال ئوغرىلىغانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 264 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىلىپ ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
254 – ماددا دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خادىملاردىن خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە – كەلمەس پايدىلىنىپ، ھۆكۈمەت نامىنى سېتىپ، شىكايەت قىلغۇچىلار ، ئەرز قىلغۇچىلار، تەنقىد قىلىغۇچىلار ۋە پاش قىلغۇچىلاردىن ئۆچ ئېلىپ زىيانكەشلىك قىلغانلىرىغا ئىككى يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئىككى يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
255 – ماددا مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، بۇغالتىرلىق قانۇنى، ستاتىستىكا قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنى چەكلىگەن بوغالتىر، ستاتىستىكا خادىملىرىدىن زەربە بېرىپ، ئۆچ ئالغان شىركەت، كارخانا، كەسپىي ئورۇن، ئورگان ۋە تەشكىلات رەھبەرلىكىدىن قىلمىشى قەبىھ بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
256 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنى سايلىغان چاغدا، زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش، ئالدامچىلىق قىلىش، پارىخورلۇق قىلىش، سايلام ھۆججەتلىرىنى ياسىۋېلىش، سايلام ئاۋاز سانىنى يالغان مەلۇم قىلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ سايلامغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار ياكى سايلىغۇچىلارنىڭ ھەم ۋەكىللەرنىڭ سايلاش ھوقۇقى ۋە سايلىنىش ھوقۇقىنى ئەركىن يۈرگۈزۈشىگە دەخلى يەتكۈزگەنلەردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
257 – ماددا باشقىلارنىڭ نىكاھ ئەركىنلىكىگە زورلۇق بىلەن ئارىلاشقانلارغا ئىككى يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزۈپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا ئىككى يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
1 – تارماقتىكى جىنايەت ئەرز قىلىنغاندىلا سورىلىدۇ.
258 – ماددا جورىسى بار تۇرۇپ قوش نىكاھلانغانلارغا ياكى بىراۋنىڭ جورىسى بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغانلارغا ئىككى يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
259 – ماددا رەسمىي ھەربىينىڭ جورىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۆيگە كىرىۋالغان ياكى توي قىلىۋالغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ..
خىزمەت ھوقۇقىدىن، بېقىندىلىق مۇناسىۋەتتىن پايدىلىنىپ، تەھدىت سېلىش ۋاستىسىنى قوللىنىپ رەسمىي ھەربىينىڭ خوتۇنىنىڭ ئىپپەت – نومۇسىغا تەگكەنلەرگە مۇشۇ قانۇننىڭ 236 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
260 – ماددا ئائىلىدىكىلەرنى خارلىغانلاردىن قىلىمىشى قەبىھ بولغانلىرىغا ئىككى يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزۈپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشى، ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا ئىككى يىلدىن يۇقىرى يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
1 – تارماقتىكى جىنايەت ئەرز قىلىنغاندىلا سورىلىدۇ.
261 – ماددا ياشانغانلارنى، گۆدەك بالىلارنى، كېسەللەرنى ياكى مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىقتىدارى بولمىغان باشقا كىشىلەرنى بېقىش مەجبۇرىيىتى بار تۇرۇپ باقمىغانلاردىن قىلمىشى قەبىھ بولغانلىرىغا بەش يىلىدىن يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ.
262 – ماددا 14 ياشقا توشمىغان بالىلارنى ئالداپ ئائىلىسدىن ياكى ۋەسىيىسىدىن ئايرىۋەتكەنلەرگە بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
5 – باب مال – مۈلۈككە دەخلى – تەرۇز قىلىش جىنايىتى
263 – ماددا زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلى ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن جامائەتنىڭ ۋە شەخىسلەرنىڭ پۇل – ماللىرىنى بۇلىغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا 10 يىلدىن قۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال – مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ:
(1) ئۆيگە كىرىپ بۇلاڭچىلىق قىلغانلار؛
(2) ئاممىۋى قاتناش ۋاستىلىدە بۇلاڭچىلىق قىلغانلار؛
(3) بانكا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنى بۇلىغانلار؛
(4) كۆپ قېتىم بۇلاڭچىلىق قىلغان ياكى بۇلاڭچىلىق سوممىسى ناھايىتى كۆپ بولغانلار؛
(5) بۇلاڭچىلىق قىلىپ ئادەمنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشى، ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار؛
(6) ھەربىي ۋە ساقچى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ بۇلاڭچىلىق قىلغانلار؛
(7) قوراللىق بۇلاڭچىلىق قىلغانلار؛
(8) ھەربىي ئەشيالارنى ياكى خەۋپتىن، ئاپەتتىن، قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش ئەشيالىرىنى بۇلىغانلار.
264 – ماددا جامائەتنىڭ ۋە شەخىسلەرنىڭ پۇل – ماللىرىنى كۆپرەك ياكى كۆپ قېتىم ئوغرىلىغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىپ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى ناھايىتى كۆپ ياكى قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى پەۋقۇلئاددە كۆپ ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال – مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە مال – مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ:
(1) پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىدىن ئوغرىلىغان سوممىسى پەۋقۇلئاددە كۆپ بولغانلار؛
(2) قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئوغرىلاش قىلمىشى ئېغىر بولغانلار.
265 – ماددا پايدا تېپىش مەقسىتىدە، باشقىلارنىڭ خەۋەرلىشىش لىنىيىسىنى ئوغرىلىقچە ئۇلىۋالغان، تېلېگراف نومۇرىنى تەقلىد قىلىپ ياسىۋالغانلارغا ياكى ئوغرىلىقچە ئۇلىۋالغان، تەقلىد قىلىپ ياسىۋالغان تېلېگراف ئۈسكۈنە، ئەسلىھەسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىشلەتكەنلەرگە مۇشۇ قانۇننىڭ 264 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
266 – ماددا جائەتنىڭ ۋە شەخىسلەرنىڭ پۇل – ماللىرىنى ئالداپ ئېلىۋالغانلاردىن مىقدارى كۆپرەك بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلدۇ؛ مىقدارى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى پەۋقولئاددە كۆپ ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال – مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ. مۇشۇ قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
267 – ماددا جامائەتنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ پۇل – ماللىرىنى تارتىۋالغانلاردىن مىقدارى كۆپرەك بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى پەۋقۇلئاددە كۆپ ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال – مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.
قاتىللىق قورالى ئېلىپ يۈرۈپ تارتىۋالغانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 263 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
270 – ماددا ساقلاپ بېرىۋاتقان پۇل – مالنى قانۇنسىز ئۆزىنىڭ قىلىۋالغانلاردىن مىقدارى كۆپرەك بولغان ۋە قايتۇرۇشنى رەت قىلغانلىرىغا ئىككى يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا ئىككى يىلدىن يۇقىرى، بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
باشقىلارنىڭ ئۇنتۇپ قالغان ياكى كۆمۈپ قويغان نەرسىسىنى قانۇنسىز ئۆزىنىڭ قىلىۋالغانلاردىن مىقدارى كۆپ بولغان ۋە تاپشۇرۇشنى رەت قىلغانلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
بۇ ماددىدىكى جىنايەت ئەرز قىلىنغاندىلا سورىلىدۇ.
271 – ماددا شىركەت، كارخانا ياكى باشقا ئورۇنلاردىكى خادىملاردىن ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، ئۆز ئورنىنىڭ پۇل – ماللىرىنى قانۇنسىز ئۆزىنىڭ قىلىۋالغانلىرىدىن مىقدارى كۆپرەك بولغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ مىقدارى ناھيىتى كۆپ بولغانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە مال – مۈلكى مۇسادىرە قىلىنسا بولىدۇ.
دۆلەت شىركەت، كارخانسى ياكى باشقا دۆلەت ئورۇنلىرىدىكى ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خادىملار ۋە دۆلەت شىركىتى، كارخانىسى ياكى باشقا دۆلەت ئورنى دۆلەت ئىلكىدە بولمىغان شىركەت، كارخانا ۋە باشقا ئورۇنلارغا ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئەۋەتكەن خادىملاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى قىلمىشنى سادىر قىلغانلىرىغا مۇشۇ قانۇننىڭ 382 - ، 383 – ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
272 – ماددا شىركەت، كارخانا ياكى باشقا ئورۇنلاردىكى خادىملاردىن ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، ئۆز ئورنىنىڭ مەبلىغىنى ئۆزىنىڭ قىلىپ ئىشلىتىۋالغان ياكى باشقىلارغا قەرز بەرگەنلەردىن مىقدارى كۆپرەك بولغان، ئۈ ئايدىن ئاشمىغان بولسىمۇ مىقدارى كۆپرەك بولغان، پايدا تېپىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان ياكى قانۇنسىز ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئۆز ئورنىنىڭ ناھايىتى كۆپ مەبلىغىنى ئىشلىتىۋالغانلار ياكى كۆپرەك مەبلىغىنى ئىشلىتىۋېلىپ قايتۇرمىغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
دۆلەت شىركىتى، كارخانىسى ياكى باشقا دۆلەت ئورۇنلىرىدىكى ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خادىملار ۋە دۆلەت شىركىتى، كارخانىسى ياكى باشقا دۆلەت ئورۇنلىرى دۆلەت ئىلكىدە بولمىغان شىركەت، كارخانا ۋە باشقا ئورۇنلارغا ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئەۋەتكەن خادىملاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى قىلمىشىنى سادىر قىلغانلىرىغا مۇشۇ قانۇننىڭ 384 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
273 – ماددا ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، خەۋپتىن قۇتۇلدۇرۇش، كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىش، نەپىقە بېرىش، نامراتلارنى يۆلەش، ئاھالىنى كۆچۈرۈشكە ۋە قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇشقا ئاجرىتىلغان پۇل ۋە ئەشيانى ئىشلىتىۋېلىش قىلمىشى ئېغىر بولغان، دۆلەت ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلاردىن بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقولئاددە ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
274 – ماددا جامائەتنىڭ ۋە شەخىسلەرنىڭ پۇل – ماللىرىنى قاقتى – سوقتى قىلغانلاردىن مىقدارى كۆپرەك بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ؛ مىقدارى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرلىدۇ.
275 – ماددا جامائەتنىڭ ۋە شەخىسلەرنىڭ پۇل – ماللىرىنى قەستەن ۋەيران قىلغانلاردىن مىقدارى كۆرەك ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
276 – ماددا ئۆچ ئېلىش ئاچچىقىنى چىقىرىۋېلىش غەرىزى ياكى باشقا شەخىسى غەرەز بىلەن ماشىنا – ئۈسكۈنىلەرنى ۋەيران قىلغان، تېرىلغۇ ئۇلاغلىرىنى ناكار قىلغان ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن ئىشلەچىقىرىش ۋە تىجارەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانللارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
6 – باب جەمئىيەت باشقۇرۇش تەرتىپىگە دەخ يەتكۈزۈش جىنايىتى
1 – پاراگراف جامائەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش جىنايىتى
277 – ماددا دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خادىملارنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئۆتىشىگە زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلى بىلەن توسقۇنلۇق قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ ياكى جەرىمانە قويۇلىدۇ.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋەكىللىرىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەكىللىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىشىگە زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلى بىلەن توسقۇنلۇق قىلغانلارغا 1 – تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتى ۋەزىپىسىنى ئۆتىشىگە قەستەن توسقۇنلۇق قىلغان، زورلق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇللىرىنى قوللانمىغان بولسىمۇ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا 1 – تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
278 – ماددا ئاممىنى دۆلەتنىڭ قانۇن، مەمۇرىي نىزاملىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا زورلۇق بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىشكە قۇتراتقانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
279 – ماددا دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خادىم قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ ئالدامچىلىق قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
خەلق ساقچىسى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ ئالدامچىلىق قىلغانلارغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
280 – ماددا دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىسى، گۇۋاھنامىسى ۋە تامغىسىنى ياسىۋالغانلار، ئۆزگەرتىۋالغانلار، ئېلىپ – ساتقانلارغا ياكى ئوغرىلىغانلار، تارتىۋالغانلارغا، يوق قىلىۋەتكەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقتىن ماھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلىمشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
شىركەت، كارخانا، كەسپىي ئورۇن، خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ تامغىسىنى ياسىۋالغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
ئاھالىلارنىڭ سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى ياسىۋالغانلار، ئۆزگەرتىۋالغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش ھوقۇقى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
281 – ماددا خەلق ساقچىلىرىنىڭ فورمىسى، ئاپتوموبىل نومۇرى تاختىسى قاتارلىق خاس بەلگىلىرىنى، سايمانلىرىنى قانۇنسىز ئىشلىگەن ۋە ئېلىپ – ساتقانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ.
ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
282 – ماددا ئوغرىلاش، تىڭ – تىڭلاش، سېتىۋېلىش ئۇسۇللىرى بىلەن دۆلەتنىڭ مەخپىيىتىگە قانۇنسىز ئېرىشىۋالغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
دۆلەتنىڭ قەتئىي مەخپىي ۋە مۇھىم مەخپىي ھۆججەت ماتېرىياللىرىنى ياكى باشقا بۇيۇملىرىنى ئىلكىدە قانۇنسىز ساقلاپ، كېلىش مەنبەسىنى ۋە ئىشلىتىدىغان ئورنىنى دەپ بەرمىگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ.
283 - ماددا مەخپىي تىڭشاش، ئوغرىلقىچە سۈرەت تارتىش ئەسۋابى قاتارلىق جاسۇسلۇق ئەسۋابلىرىنى قانۇنسىز ئىشلەپچىقارغان ۋە ساتقانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ.
284 - ماددا مەخپىي تىڭشاش، ئوغرىلىقچە سۈرەت تارتىش ئەسۋابلىرىنى قانۇنسىز ئىشلىتىپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا ئىككى يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ.
285 – ماددا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت ئىشلىرى، دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ۋە ئۆتكۈر پەن – تېخنىكا ساھەسىدىكى كومپيۇتېر ئۇچۇر سىستېمىسىغا ئۈسۈپ كىرگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
286 – ماددا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، كومپيۇتېر ئۇچۇر سىستىمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى چىقىرىۋېتىش، كۆپەيتىۋېتىش ۋە ئۇنىڭغا كاشىلا سېلىش يولى بىلەن كومپيۇتېر ئۇچۇر سىستېمىسىنى نورمال ئىشلىمەيدىغان قىلىپ قويغۇچىلاردىن ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، كومپيۇتېر ئۇچۇر سىستىمىسىدا ساقلانغان، بىر تەرەپ قىلىنغان ۋە يەتكۈزۈلگەن سانلىق مەلۇماتلار ۋە ئەمەلىي پروگراممىلارنى چىقىرىۋېتىش، ئۆزگەرتىۋېتىش ۋە پروگراممىلارنى چىقىرۋېتىش، ئۆزگەرتۋېتىش ۋە كۆپەيتىۋېتىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارغانلاردىن ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
كومپيۇتېر ۋىروسى قاتارلىق ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك پروگراممىلارنى قەستەن تۈزۈپ ۋە تارقىتىپ، كومپيۇتېر سېستىمىسىنىڭ نورمال ئىشلىشىگە تەسىر يەتكۈزگەنلەردىن يامان ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا 1 – تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
287 – ماددا كومپيۇتېردىن پايدىلنىپ پۇل مۇئامىلە ئالدامچىلىق، ھۆكۈمەت پۇلىنى ئوغرلاش، خىيانەت قىلىش، ئىشلىتىۋېلىش، دۆلەتنىڭ مەخپىيىتىنى ئوغرىلاش خىنايىتى ياكى باشقا جىنايەتلەرنى ئۆكۈزگەنلەرگە مۇشۇ قانۇندىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
288 – ماددا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، رادىئو ئىستانىسى (ئۇزىلى) نى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قۇرغان، ئىشلەتكەن ياكى چاستوتىسىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىگىلىۋالغانلاردىن ئىشلىتىشنى توختىتىشقا بۇيرۇلغاندىن كېيىن ئىشلىتىشنى توختاتماي، نورمال رادىئو ئالاقىسىگە كاشىلا قىلىپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ.
ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
289 – ماددا توپلىشىپ «ئۇرۇش، چېقىرىش، بۇلاش» بىلەن شۇغۇللىنىپ ئادەمنىڭ زەخمىلىنىشى، بېيىپ بولۇشى، ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 234 - ، 232 – ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ. جامائەتنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ پۇل – مېلىنى ۋەيران قىلغان ياكى بۇلىغانلىرى قايتۇرۇش، تۆلەشكە بۇيرۇلغاندىن سىرت، باش ئۇنسۇرلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 263 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
290 – ماددا توپلىشىپ جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش قىلمىشى ئېغىر بولۇپ، خىزمەت، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ۋە ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات ئىشلىرىنى ئاقسىتىپ ئېغىر زىيان پەيدا قىلغانلاردىن باش ئۇنسۇرلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ باشقا ئاكتىپ قاتناشقۇچىلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
توپلىشىپ دۆلەت ئورگانلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، دۆلەت ئورگانلرىنىڭ خىزمىتىنى ئاقسىتىپ، ئېغىر زىيان پەيدا قىلغانلاردىن باش ئۇنسۇرلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ باشقا ئاكتىپ قاتناشقۇچىلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
291 - ماددا توپلىشىپ ۋوگزال، بېكەت، پرىستان،پۇقرالار ئاۋىئا ئىستانسىسى، سودا سارىيى، باغچا، كىنوخانا، تىياتىرخانا، كۆرگەزمىخانا، تەنھەرىكەت مەيدانى ياكى باشقا جامائەت سورۇنلىرىنىڭ تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، توپلىشىپ قاتناش يولىنى توسۇپ ياكى قاتناش تەرتىپىنى بۇزۇپ، ئامانلىق باشقۇرغۇچى دۆلەت خادىملىرىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئۆتىشىگە قارشىلىق كۆرسىتىش ۋە توسقۇنلۇق قىلىش قىلمىشى ئېغىر بولغانلاردىن باش ئۇنسۇرلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ.
يالغان پارتىلاتقۇچ، زەھەرلىك، رادىئوئاكتىپلىق ماددىلار، يۇقۇملىق كېسەل قوزغاتقۇچىغا ئوخشاش ماددىلارنى سالغان ياكى پارتىلاتقۇچ ئارقىلىق تەھدىت سېلىش، بىئوخېمىيىلىك، رادىئوئاكتىپلىق ماددىلار بىلەن تەھدىت سېلىش، ئوخشاش تېررورلۇق ئۇچۇرلىرىنى توقۇپ چىققان ياكى توقۇپ چىقىلغان تېررورلۇق ئۇچۇرى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ قەستەن تارقاتقانلاردىن جەمئىيەت تەرتىپىنى ئېغىر قالايمىقانلاشتۇرۇغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
292- ماددا توپلىشىپ ئۇرۇشقانلاردىن باش ئۇنسۇرلارغا ۋە باشقا ئاكتىپ قاتناشقۇچىلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ؛ تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلاردىن باش ئۇنسۇرلارغا ۋە باشقا ئاكتىپ قاتناشقۇچىلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
(1) كۆپ قېتىم توپلىشىپ ئۇرۇشقانلار؛
(2) توپلىشىپ ئۇرۇشقانلار سانى كۆپ، كۆلىمى وڭ، جەمئىيەتتە تەسىرى يامان بولغانلار؛
(3) جامائەت سورۇنلىرىدا ياكى مۇھىم قاتناش يوللىرىدا توپلىشىپ ئۇرۇشۇپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرغانلار؛
(4) تاياق-توقماق كۆتۈرۈپ توپلىشىپ ئۇرۇشقانلار.
توپلىشىپ ئۇرۇشۇپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى ئېغىر زەخىملىنىشى، ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىرىغا مۇشۇ قانۇننىڭ 234- ، 232- ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
293-ماددا ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ:
(1) باشقىلارنى خالىغانچە ئۇرغانلاردىن قىلمىشى قەبىھ بولغانلار؛
(2) باشقىلارنىڭ كەينىگە كىرىۋالغان، ئالدىنى توسقان ۋە ئۇلارنى ھاقارەتلەپ تىللىغانلادىن قىلمىشى قەبىھ بولغانلار؛
(3) جامائەتنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ پۇل – ماللىرىنى زورلۇق بىلەن ئېلىۋالغان ياكى خالىغانچە ۋەيران قىلغان، ئىگىلىۋالغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلار؛
(4) جامائەت سورۇنىدا غوۋغا كۆتۈرۈپ جېدەل چىقارغانلاردىن جامائەت سورۇنلىرىنىڭ تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرغانلار.
294- ماددا زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلى ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن تەشكىللىك ھالدا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، بىر تەرەپكە زومىگەر بولۇۋېلىپ، تۈرلۈك ئەسكىلىكلەرنى قىلىپ، ئاممىنى بوزەك قىلىپ ۋە زىيانكەشلىك قىلپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تۇرمۇش تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزىدىغان قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلات ئۇيۇشتۇرغان، ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلغانلار ۋە ئاكتىپ قاتناشقانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇدەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ باشقا قاتناشقۇچىلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جفزاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
چېگرا سىرتىدىكى قارا جەمئىيەت تەشكىلاتى ئادەملىرىدىن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگرىسى ئىچىگە كىرىپ تەشكىلاتىغا ئەزا قوبۇل قىلغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتۈزگەننىڭ ئۈستىگە باشقا جىنايى قىلمىشلارنىمۇ سادىر قىلغانلارغا بىر نەچچە جىنايەتنى قوشۇپ جازالاش ھەققىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خاىدملىرىدىن قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلاتنى قانات ئاستىغا ئالغان ياكى قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان ياكى قارا جەمئىيەت تۈسىدىكى تەشكىلاتنىڭ قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتنى ئېلىپ بېرىشىغا يول قويغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
295- ماددا يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش، كۈچ كۆرسىتىشتە قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىلتىماس قىلماي ياكى ئىلتىماسىغا رۇخسەت ئالماي ۋە ياكى مەسئۇل ئورگان رۇخسەت قىلغان باشلاش - توختىتىش ۋاقتى، ئورنى ۋە لىنىيىسىگە ئەمەل قىلماي، ئۇنىڭ ئۈستىگە تارقىلىش توغرىسىدىكى بۇيرۇقىغا بويسۇنماي جەمئىيەت تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغانلاردىن يىغىلىشقا، مانايىشقا، كۈچ كۆرسىتىشكە مەسئۇل بولغانلىرىغا ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
32 – ماددا سەھىيە تارماقلىرى ۋە مەكتەپلەر قۇرامىغا يەتمىلگەنلەرگە زۆرۈر بولغان سەھىيە، سالامەتلىكنى ئاسراش شارائىتىنى يارىتىپ بېرىشى، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى لازىم.
33 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بالىلار باغچىسى، يەسلى ئىشلىرىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، يەسلى، بالىلار باغچىلىرىنى تىرىشىپ ياخشى باشقۇرۇشى، دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ بالا ئېمىتىش ئۆيى، يەسلى، بالىلار باغچىسى قۇرۇلۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشى، ئائىلە، يەسلى قۇرۇلۇشىنى تەشەببۇس قىلىشى ۋە قوللىشى لازىم.
34 – ماددا سەھىيە تارماقلىرى بالىلاردىكى كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇلارغا ۋاكسىنا قويۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى، بالىلاردا دائىم كۆرۈلىدىغان، كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ئىشىنى پائال ئىشلىشى، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ئىشىنى پائال ئىشلىشى، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى، يەسلى، بالىلار باغچىسىنىڭ سەھىيە، ساقلىقنى – ساقلاش ۋە كەشپىي جەھەتتىكى يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىشى لازىم.
35 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار بالىلار باغچىلىرى ۋە يەسلىلەرنىڭ تەربىيچىلىرى، ئوقۇتقۇچىلىرىنى كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق تەربىيلىشى ۋە چېنىقتۇرۇشى، ئۇلارغا قارىتىلغان سىياسىي، ئىدىيۋى ۋە كەسپىي تەربىيىنى كۈچەيتىشى كېرەك.
36 – ماددا دۆلەت قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئەقلىي نەتىجىلىرى ۋە شان – شەرەپ ھوقۇقىنىڭ دەخلى – تەرۇزغا ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
ئالاھىدە تۇغما تالانتى بولغان ياكى گەۋدىلىك نەتىجىسى بولغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە دۆلەت، جەمئىيەت، ئائىلە ۋە مەكتەپلەر ساغلام تەرەققىي قىلىش شارائىتى يارىتىپ بېرىشى كېرەك.
37 – ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەر بەلگىلەنگەن يىلدىكى مەجبۇرىيەت مائارىپنى تۈگىتىپ مەكتەپتىن كۆچەلمىسە، ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ، ئۇلارنى كەسىپ، تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيلىشى، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا شەرت – شارائىت يارىتىپ بېرىشى لازىم.
5 – باب ئەدلىيە جەھەتتە قوغداش
38 – ماددا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەن، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قارىتا تەربىيلەش، تەسىرلەندۈرۈش، قۇتقۇزۇۋېلىش فاڭجېنى يولغا قويۇلىدۇ. تەربىيىنى ئاساس قىلىش، جازالاشنى قوشۇمچە قىلىش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلىدۇ.
39 – ماددا 14 ياشقا توشقان قۇرامىغا يەتمىگەنلەر جىنايەت ئۆتكۈزگەندە 16 ياشقا توشمىغانلىقى ئۈچۈن جىنايى جازا بېرىلمىسە، ئۇلارنىڭ ئائىلە باشلىقلىرى ياكى باشقا ۋەسىيلىرىگە ئۇلارنى باشقۇرۇش، تەربىيلەشنى كۈچەيتىش بويرۇلىدۇ. زۆرۈر تېپىلغاندا ھۆكۈمەت ئۇلارنى يىغىۋىلىپ تەربىيلەيدۇ.
40 – ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى، خەلق سوت مەھكىمىلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت دېلولىرىنى بېجىرگەندە، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ئالاھىدىلىكىگە ئېتىبار بېرشى لازىم. شۇنداقلا بۇ دېلولارنى ئېھتىياجىغا قاراپ مەخسۇس ئاپپارات تەسىس قىلىپ ياكى مەخسوس ئادەم بەلگىلەپ بېجىرسە بولىدۇ.
جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى، خەلق سوت مەھكىمىلىرى ۋە ئۈسمۈر جىنايەتچىلەرنى باشقۇرۇش، تەربىيلەش ئورۇنلىرى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەن، ياش قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىشىلىك قەدىر – قىممىتىگە ھۆرمەت قىلىشى، ئۇلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشى لازىم.
41 – ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى، خەلق سوت مەھكىمىلىرى سوت قىلىشتىن بۇرۇن قامالغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قاماقتىكى قۇرامىغا يەتكەنلەردىن ئايرىپ باشقۇرۇش كېرەك.
خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ھۆكمى بىلەن جازا ئۆتەۋاتقان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى جازا ئۆتەۋاتقان قۇرامىغا يەتكەنلەردىن ئايرىپ قاماش، باشقۇرۇش كېرەك.
42 – ماددا 14 ياشتىن ئاشقان، 16 ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىلەنلەرنىڭ جىنايەت دېلولىرى بىردەك ئوچۇق سوتلانمايدۇ. 16 ياشتىن ئاشقان، 18 ياشقا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت دېلولىرى ئومومەن سوت قىلىنمايدۇ.
قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت دېلولىرى ھۆكۈم قىلىشتىن بۇرۇن، ئاخبارات، كىنو – تېلېۋىزىيە نومۇرلىرىدا ئىسىمنى ئاشكارلاشقا، تۇرالغۇ جايى، سۈرىتى ۋە مەزكۇر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى قىياس قىلىپ بىلگىلى بولىدىغان ماتېرىياللارنى ئاشكارىلاشقا بولمايدۇ.
43 – ماددا ئائىلىلەر، مەكتەپلەر ۋە باشقا ئالاقىدار ئورۇنلار قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەر تۇرۇۋاتقان ئۆسمۈر جىنايەتچىلەرنى باشقۇرۇش ئورنى قاتارلىق ئورۇنلارغا ماسلىشىپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تەربىيلەش، قۇتقۇزۇۋېلىش خىزمىتىنى بىرلىكتە ياخشى ئىشلىشى لازىم.
44 – ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەيىبلەشتىن كەچۈرۈم قىلغان، خەلق سوت مەھكىمىسى جىنايى جازادىن كۈچۈرۈم قىلغان ياكى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشنى جاكارلىغان، يىغىۋېلىپ تەربىيلەشتىن بوشىتىلغان ياكى جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئوقۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، مەكتەپ پۈتتۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلىشىش جەھەتتە كەمسىتىشكە بولمايدۇ.
45 – ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ۋارىسلىق دېلولىرىنى قاراپ چىققاندا، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ۋارىسلىق ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغدىشى لازىم.
خەلق سوت مەھكىمىلىرى نىكاھتىن ئاجرىشىش دېلولىرىنى قاراپ چىققاندا، نىكاھتىن ئاجراشقۇچى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلەرنى بېقىش مەسلىسىدە تالاش – تارتىش يۈز بېرىپ بىرلىككە كېلەلمىسە، پەرزەنتلەرنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش پرىنسىپى ۋە ئىككى تەرەپنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا قاراپ ھۆكۈم قىلىشى لازىم.
6 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى
46 – ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتى دەخلى – تەرۇزگە ئۇچرىغاندا، دەخلى – تەرۇزگە ئۇچرىغۇچى ياكى ئۇلارنىڭ ۋاسىيلىرى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا ياكى قانۇن بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
47 – ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىگە دەخلى – تەرۇز يەتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ مال – مۈلكىنى زىيانغا ئۇچراتقان ياكى ئۇلارنى باشقا زىيانغا ئۇچراتقانلار قانۇن بويىچە تۆلەپ بېرىشى ياكى باشقا ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
48 – ماددا مەكتەپلەر، بالىلار باغچىلىرى، يەسلىلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى خىزمەتچىلرىدىن قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە بالىلارغا تەن جازاسى بەرگەنلەرنىڭ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۇلار تۇرۇشلۇق ئورۇن ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ.
49 – ماددا كارخاناق، كەسپىي ئورۇنلار، يەككە سودا – سانائەتچىلەر 16 ياشقا توشمىغان بالىلارنى قانۇنسىز ھالدا ئىشچىلىققا ئېلىپ ئىشلەتسە ئەمگەك تارماقلىرى ئۇلارنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئۇلارغا جەرىمانە قويىدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ.
50 – ماددا تىجارەت خاراكتېرىدىكى تانسىخانا قاتارلىق قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا باب كەلمەيدىغان سورۇنلارغا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى كىرگۈزگەنلەرنى ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلار تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئۇلارغا جەرىمانە قويسا بولىدۇ.
51 – ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە شەھۋنە مەزمۇندىكى كىتاب، گىزىت – ژۇرنال، ئۈن – سىن بۇيۇمى قاتارلىق نەشر بۇيۇملىرىنى ساتقان، ئىجارىگە بەرگەن ياكى تارقاتقانلارغا قانۇن بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
52 – ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى ياكى باشقا قانۇنىي ھوقۇقلىرىغا دەخلى – تەرۇز يەتكۈزۈپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. قۇرامىغا يەتمىگەن ئائىلە ئەزالىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى جىنايى ئىشلار قەبىھ بولغانلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 182 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
ئەدلىيە خىزمەتچىلىرىدىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش داۋامىدا قائىدە – نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلۇۋاتقان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە تەن جازاسى بەرگەن ۋە ئۇلارنى خارلىغانلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 189 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى بېقىش مەجبۇرىيىتى بولسىمۇ، ئۇلارنى بېقىشنى رەت قىلغانلاردىن قىلمىشى قەبىھ بولغانلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 183 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
بوۋاقلارنى سۇدا تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 132 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
مەكتەپ بىناسىنىڭ ئۆرۈلۈشى، تەدبىر قوللانماي، مەكتەپ بىناسىنىڭ ئۆرۈلۈشى، ئۆلۈش، يارىلىنىش ۋەقەلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولغانلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 187 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
53 – ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە كۈشكۈرتكەنلەرگە قانۇن بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشكە، ئوكۇل قىلىپ ئۇردۇرۇشقا ياكى ئىپپەت – نۇمۇسنى سېتىشقا ئازدۇرغان، كۈشكۈرتكەن ياكى زورلىغانلارغا قانۇن بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
54 – ماددا دەۋالاشقۇچىلار مۇشۇ قانۇن بويىچە چىقىرىلغان مەمۇرىي جەھەتتىن جازالاش قارارىغا قايىل بولمىسا، بىر دەرىجە يۇقىرى مەمۇرىي ئورگانغا ياكى ئالاقىدار قانۇن، قائىدە – نىزاملاردا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي ئورگانلارغا قايتا قاراپ چىقىش توغرىسىدا ئىلتىماس سۇنسا بولىدۇ.قايتا قاراپ چىقىش قارارىغا قايىل بولغانلار ئۇنىڭدىن كېيىن خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇشى كېرەك. خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاستە ئەرز سۇنسىمۇ بولىدۇ. ئالاقدار قانۇن، قائىدە – نىزاملاردا ئالدى بىلەن مەمۇرىي ئورگانلارغا قايتا قاراپ چىقىش توغرىسىدا ئىلتىماس سۇنۇش، قايتا قاراپ چىقىش قارارىغا قايىل بولمىسا، ئۇنىڭدىن كېيىن خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇش بەلگىلەنگەن بولسا، ئالاقىدار قانۇن، قائىدە – نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىش كۆرۈش كېرەك.
دەۋالاشقۇچىلار مەمۇرىي جەھەتتىن جازا بېرىش قارارى توغرىسىدا بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماس سۇنمىسا، قارارنىمۇ ئىجرا قىلمىسا، جازالاش قارارى چىقارغان ئورگان خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ ياكى قانۇن بويىچە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ ياكى قانۇن بويىچە مەمۇرىي ئىجرا قىلدۇرسابولىدۇ.
7 – باب قوشۇمچە پرىنسىپ
55 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن ئالاقىدار نىزام تۈزۈپ چىقىپ، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈپ يولغا قويسا بولىدۇ.
ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن يولغا قويۇش چارىسىنى تۈزۈپ چىقسا بولىدۇ.
56 – ماددا بۇ قانۇن 1992 – يىلى 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.