Uyghur主要词典
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى
بۈگۈنكى جۇڭگو
1949 - يىل10 - ئاينىڭ1 - كۈنى رەئىس ماۋ زېدۇڭ بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا تۇنجى بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى چىقاردى ھەمدە پۈتۈن دۇنياغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى قۇرۇلغانلىقىنى تەنتەنىلىك جاكارلىدى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن، جۇڭگونىڭ100 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان باشقىلار تەرىپىدىن تالان - تاراج قىلىنىش ۋە ھاقارەتكە ئۇچراش تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى. جۇڭگو خەلقى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئورنىدىن دەس تۇردى.1840
- يىلىدىكى ئەپيۈن ئۇرۇشىدىن كېيىن، جۇڭگو خەلقى جاھانگىرلىكنىڭ تاجاۋۇزى ۋە ھاقارىتىگە ئۇچراپ، جاھانگىرلىك، فېئودالىزم ۋە بيۇروكرات كاپىتالىزمدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تاغ دەستىدىن ھالىدىن كەتكەنىدى. بۇ ئۈچ چوڭ تاغنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن، سانسىزلىغان ئىنقىلابىي قۇربانلار ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ، باتۇرانە كۈرەش قىلدى، بولۇپمۇ1921 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن،28 يىللىق ئىنتايىن جاپالىق كۈرەش ئارقىلىق ئاخىر ئۈچ چوڭ تاغنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ ئۈزۈل - كېسىل غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى.1949 - يىلى9 - ئايدا ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى مۇقىملىشىپ قالغان ۋەزىيەتتە، بېيپىڭ (ھازىرقى بېيجىڭ) دا جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ1 - نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى ۋاكالىتەن يۈرگۈزدى. يىغىندا «جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئورتاق پروگراممىسى» ماقۇللاندى، ماۋ زېدۇڭ رەئىسلىكىدىكى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلدى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى، دۆلەت گېربى ۋە ۋاكالەت دۆلەت شېئىرى قاراپ چىقىپ بېكىتىلدى.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئىشچىلار سىنىپى رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئىشچى - دېھقانلار ئىتتىپاقىنى ئاساس قىلغان خەلق دېموكراتىيىسى دىكتاتورىلىقىدىكى دۆلەت. مانا بۇ دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت تۈزۈلمىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە بارلىق ھاكىمىيەت خەلققە مەنسۇپ، خەلقنىڭ دۆلەت ھاكىمىيىتىنى يۈرگۈزىدىغان ئورگىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىدۇر. دېموكراتىيە - مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى پرىنسىپى بويىچە تەشكىللەنگەن خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسىدۇر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
جۇغراپىيە
سوتسىيالىستىك دۆلەت. ئاسىيا قىتئەسىنىڭ شەرقىي قىسمىغا، تىنچ ئوكياننىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان. كۆلىمى توققۇز مىليون 600 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، دۇنيادىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. چاۋشيەن، ۋيېتنام، لائوس، بىرما، ھىندىستان، بۇتان، سىككىم، نېپال، پاكىستان، ئافغانىستان، قىرغىزىستان، قازاقىستان، رۇسىيە، موڭغۇلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن چېگرىلىنىدۇ. شەرقى ۋە شەرقىي جەنۇبىي قىسمى سېرىق دېڭىز، شەرقىي دېڭىز، جەنۇبىي دېڭىز ۋە ياپونىيە، فىلىپپىن، ھىندونېزىيە، مالايشىيا ۋە برۇنېي قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن چېگرىلىنىدۇ. ئۇ 30 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە بىۋاستە قاراشلىق شەھەرگە بۆلۈنگەن. پايتەختى بېيجىڭ. ئاھالىسى بىر مىليارد 160 مىليون (1990 - يىللىق مەلۇمات) ئەتراپىدا بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئاھالىسى ئەڭ كۆپ دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدا 56 مىللەت ياشايدۇ.