Uyghur主要词典
جۇۋەينى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(ئابد مالىك جۇۋەينى، 1028 - 1085)مۇتەكەللىمۇن. نېشابۇرلۇق. ئەشئەرىيىنىڭ مۇھىم ۋەكىلى. تەخمىنەن 1054 - يىلى سالجۇقىيلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قېچىپ ھىجازغا باردى. 1059 - يىلىدىن كېيىن مەككە ۋە مەدىنىدە مۇددەرىسلىك قىلدى ھەمدە بۇ رايوندا ئىمام بولۇپ، ئىمام ئەل ھەرامين (ئىككى مۇقەددەس جاينىڭ ئىمامى) دەپ ئاتالدى. 1063 - يىلى سالجۇقىيلار سۇلالىسىنىڭ باش ۋەزىرى مىزام مۇلكنىڭ تەكلىپى بىلەن نېشابۇر ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى بولۇپ، ئالەمدىن ئۆتكەنگە قەدەر ئەشئەرىيە ۋە شافىئىييە توغرىسىدا دەرس ئۆتتى. <مىللەتلەرنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى> قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازدى.