جۇشقۇنلاشماق[يەشمىسى:] ① «جۇشقۇنلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى:[مىسال:] ئۇلار مەيدانغا كىرىشى بىلەن بىر-بىرىدىن جۇشقۇنلىشىپ، بەس-بەستە يۈگۈرۈشتى.[يەشمىسى:] ② جۇشقۇن ھالەتكە كەلمەك، جۇشقۇنلىماق:[مىسال:] خۇشاللىقىدا جۇشقۇنلاشقان شائىر سوئال دېگەننى ئۈستى-ئۈستىگە ياغدۇرۇۋەتكەنىدى.