Uyghur←Chinese主要词典
جۇنىن جېڭى
دۇنيا تارىخى
胡宁战役
hú níng zhàn yì
1824-يىلى لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ مۇستەقىللىك ئۇرۇشىدىكى مۇھىم جەڭ. پېرۇنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى جۇنىن بايلىقىدا كەسكىن جەڭ بولغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1824-يىلى بولىۋار ئون مىڭ كىشىلىك قوزغىلاڭچى قوشۇننى باشلاپ پېروغا ھۇجۇم قىلىپ، لىمانىڭ شىمالىدىكى رايونلارنى ئىشغال قىلغان. 8-ئاينىڭ 6-كۈنى، جۇنىن بايلىقىدا قوزغىلاڭچى قوشۇن بىلەن ئىسپانىيە مۇستەملىكىچى ئارمىيىسى قاتتىق جەڭ قىلغان، قوزغىلاڭچى قوشۇن دۈشمەننىڭ ئارقا تەرىپىگە ئايلىنىپ ئۆتۈپ، ئىسپانىيە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، 345 ئادىمىنى يوقاتقان، 80 ئادىمىنى ئەسىر ئالغان، كۆپلىگەن قورال - ياراقلارنى غەنىيمەت ئالغان. ئىسپانىيە ئارمىيىسى پېرونىڭ جەنۇبىدىكى ئاپۇرىماكقا چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان. قوزغىلاڭچى قوشۇن پېرونىڭ دېڭىز بويلىرىنى ۋە ئوتتۇرا قىسمىنى كونترول قىلغان. شۇ قېتىمقى جەڭ پېرونىڭ پۈتۈن زېمىنىنى ئازاد قىلىشقا تۆھپە قوشقان.