Chinese→Uyghur主要词典
菌类植物
بىئولوگىيە
زەمبۇرۇغ خىلىدىكى ئۆسۈملۈكلەر
يىلتىز، غول ۋە يوپۇرماققا دىففېرېنسىيىلەنمىگەن، ئادەتتە تەركىبىدە خلوروفىل ۋە باشقا فوتوسىنتېز پىگىمېنتلىرى بولمايدىغان، ئۆزى ئوزۇقلۇق ياسىيالمايدىغان، تۆۋەن دەرىجىلىك، چەتتىن ئوزۇقلىنىدىغان ئۆسۈملۈك. ئۇلار پارازىتلىنىش چىرىندىخورلۇق بىلەن ياشاشتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۇسۇلدا چەتتىن ئوزۇقلىنىدۇ. تىرىك ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋاننىڭ تېنىدە ئۆسۈپ ئۇنىڭدىن ئوزۇقلۇق سۈمۈرۈپ ياشايدىغانلار پارازىتلىنىدىغانلار، ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكنىڭ ئۆلۈكى ۋە باشقا بارلىق ئورگانىك ماددىلاردا ئۆسۈپ ئوزۇقلۇق سۈمۈرۈپ ياشايدىغانلار چىرىندىخور دەپ ئاتىلىدۇ. زەمبۇرۇغ تۈرىدىكى ئۆسۈملۈكلەر ئۆز ئارا ئۇرۇق - تۇغقانچىلىقى بولغان تۈركەملەردۇر. ئۇلار مورفولوگىيىلىك تۈزۈلۈشى، كۆپىيىش ئۇسۇلى ۋە ئوزۇقلىنىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، باكتېرىيىلەر تىپى، شىلىمشىق باكتېرىيىلەر تىپى ۋە زەمبۇرۇغلار تىپىغا بۆلۈنىدۇ. زەمبۇرۇغ خىلىدىكى ئۆسۈملۈكلەر تەبىئەت دۇنياسىدىكى ماددىنىڭ ئايلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۇلارنىڭ ئىنسانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمۇ ئىنتايىن يېقىن بولۇپ ئۇنىڭ ئىچىدىكى خېلى كۆپ تۈرلىرى ئىنسانلارغا پايدىلىق، خېلى كۆپ تۈرلىرى زىيانلىق.
ئۆسۈملۈك
jūn lèi zhí wù
باكتېرىيە خىلىدىكى ئۆسۈملۈكلەرDباغۋەنچىلىك
jūn lèi zhí wù
زەمبۇرۇغ تۈرىدىكى ئۆسۈملۈكلەر