Uyghur主要词典
جۇنەيد
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
قوشۇن؛ كىچىك ئەسكەر ئاللانىڭ كىچىك جەڭچىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
تەسەۋۋۇپچى ئۆلىما. نېھۋادتا دۇنياغا كېلىپ، باغداتتا پائالىيەت قىلدى. بلىلىق دەۋرىدە دىنىي بىلىم ۋە فىقھە ئوقۇدى. كېيىن تاغىسى سەرى سەقەتى (؟ 867) بىلەن تەسەۋۋۇپچىلىقنى قوبۇل قىلدى. 20 يېشىدىن باشلاپ فىقھەنى چۈشەندۈرۈشكە كىرىشتى ھەمدە تەسەۋۋۇپچىلىق بىلەن فىقھەنى كېلىشتۈرۈشكە تىرشتى. ئاللانى سۆيۈش ۋە ئاللاغا بويسۇنۇش ئارقىلىق ئاللا بىلەن بىر بولۇپ كېتىشكە يېتىشنى تەكىتلىدى. سوپىلارنىڭ نامراتلىقى ماددىي نامراتلىق ئەمەس، بەلكى مەنىۋى جەھەتتە ھەقىقەتنى تونۇشنىڭ يېتەرسىزلىكى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، سوپىلىقنىڭ چىن مەنىسى دىلنى پاكلاشتۇرۇشتا ئىكەنلىكىنى ئېچىپ بەردى. <سەگەكلىك> بىلەن ئىستىقامەت قىلىشنى تەشەبۇس قىلدى. چېكىدىن ئاشقان سۆز - ھەرىكەتلەرگە <مەپتۇن بولۇپ كېتىش> كە قارشى تۇردى ھەمدە ھەللاجدن قول ئۈزدى. ئۇنىڭ تەلىماتى تەسەۋۋۇپچىلار تەرىپىدىن نوپۇزلۇق تەلىمات، دەپ ھېسابلىنىپ، ئۇ <سۇلتان>، <سەئىد>، <ئەرىفىن> (ئاللانى بىلگۈچى) دەپ ھۆرمەتلەندى. تەسەۋۋۇپچىنىڭ تەرەققىياتىغا چوڭ تەسىر كۆرسەتتى.