Uyghur主要词典
جۇڭلېفۇ خانىقاسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ جۇڭگودىكى ئىسلام دىنى جەھرىيە شاگۇ سۈلۈكىنىڭ خانىقاسى بولۇپ، ئورنى نىڭشا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ چىتوڭشيا شەھىرىدىكى شاكۇ يېزىسىدا. 1871 _ يىلى جەھرىيەنىڭ بەشىنچى ئەۋلاد ئىمامى ماخۇالۇڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ باشسز تېنى مۇشۇ يەرگە دەپنە قىلىنىپ گۈمبەز سېلىنغان. مايۇەنجاڭ بۇ يەرگە كەڭ كۆلەمدە قۇرۇلۇش سالدۇرغان. ماجڭۋۇ بۇ يەرنى خانىقا قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ يەر جەھرىيە شاگۇ سۈلۈكىنىڭ پائالىيەت مەركىزى بولۇپ قالغان. ھېيىت _ ئايەم ياكى مۇھىم بايراملاردا بۇ سۈلۈكنىڭ ھەر قايسى جايلاردىكى ئادەملىرى بۇ يەرگە ۋەكىل ئەۋەتكەن. ۋەكىللەر بەزىدە مىڭ ئادەمدىن ئېشىپ كەتكەن. بۇ يەردە خانىقا، گۈمبەز، ياتاق، باغ، مېھمانخانا، مۇستەھەپخانا، ئاشخانا، چېدىر قاتارلىقلار بار. خانىقانىڭ ئۈچ ئىشىكى بولۇپ، ئوتتۇرىسىدىكى ئىشىكتىن ئىمام كىرپ چىقىدۇ. باشقا ئادەملەر ئوڭ _ سول تەرەپلەردىكى ئىشىكلەردىن كىرىپ چىقىدۇ. بۇ ئەھۋال سۈلۈكنىڭ ئىچىدىكى قاتتىق دەرىجە تۈزۈمىنى ۋە ئىمامنىڭ مۇتلەق نوپۇزىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. خانىقانىڭ ئەتراپىدا تېرىلىدىغان نۇرغۇن يەر ۋە باغ بار.