Chinese→Uyghur主要词典
居间分生组织
بىئولوگىيە
ئارىلىقتىكى بۆلۈنگۈچى توقۇلما
بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ غولىدىكى بوغۇم ئارىلىقى، يوپۇرماق غىلاپى ياكى يوپۇرماقنىڭ ئاساسىغا جايلاشقان بۆلۈنگۈچى توقۇلما. مەسىلەن، باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەر ئۆسۈپ بەلگىلىك باسقۇچقا كەلگەندە چوققىدىكى بۆلۈنگۈچى توقۇلمىلار گۈل رېتىنى ھاسىل قىلىدۇ، بوغۇملىرىنىڭ تۈۋىدىكى ئارىلىقتىكى بۆلۈنگۈچى توقۇلما ھۈجەيرە بۆلۈنۈپ ئۆسىدۇ، بۇنىڭ بىلەن غول ئۇزرايدۇ (بوغۇم ئارىلىقى ئۇزىرايدۇ). باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يوپۇرماق غىلاپى، سۇپىياز، كۈدە قاتارلىقلارنىڭ يوپۇرماقئاساسى، مامكاپ قاتارلىقلارنىڭ گۈل ئوقىدىمۇ ئارىلىقتىن بۆلۈنگۈچى توقۇلما بولۇپ ئارىلىقتا ئۆسەلەيدۇ. ئارىلىقتىن توقۇلمىنىڭ ھاسىل بولۇشى ئورگاننىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىنىڭ يېتىلىشىنىڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مەسىلەن، باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەر غولىنىڭ يېتىلىشى جەريانىدا، ئالدى بىلەن ھەر بىر بوغۇمنىڭ ئۈستۈنكى تەرىپى پىشىدۇ، ئاندىن پەيدىنپەي تۆۋەنگە كېڭىيىدۇ. بوغۇم ئارىلىق ئاساسىدىكى ھۈجەيرىلەر ئەڭ كېيىن پىشىدۇ. ئۇلار بەلگىلىك مەزگىل ئىچىدە بۆلۈنۈش ئىقتىدارىنى ساقلاپ ئارىلىقتىكى بۆلۈنگۈچى توقۇلمىغا ئايلىنىدۇ. ئارىلىقتىكى بۆلۈنگۈچى توقۇلما بوغۇم ئارىلىقىنىڭ پىشىشىغا ئەگىشىپ يوقىلىدۇ.
ئۆسۈملۈك
jū jiān fēn shēng zǔ zhī
ئارىلىق بۆلۈنگۈچى توقۇلمىسى