Chinese→Uyghur主要词典
聚合酶
ئۇنىۋېرسال
jù hé méi
پولىمېرازا
Dباغۋەنچىلىك
jù hé méi
پولىمېرازا
بىئولوگىيە
RNA 聚合酶
RNAپولىمېرازا
(ياكى DNA گە بېقىنىدىغان RNA پولىمېرازا DNA - dependent RNA polymerase) بۇ تۈردىكى ئېنزىملار DNA نى ئۈلگە قىلىپ RNA نى سىنتېزلايدۇ. ئىپتىدائىي يادرولۇق ھۈجەيرە، مەسىلەن، چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيىسىنىڭ RNA پولىمېرازا تولۇق ئېنزىم مولېكۇلا ئېغىرلىقى تەخمىنەن 500 مىڭ دالتون بولۇپ، بەش دانە سۇب رادىكالدىن تۈزۈلىدۇ. فاكتورى كەم بولغان ئېنزىم يادرو ئېنزىمى دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ پەقەت سېنتىزلىنىشقا باشلىغان RNA زەنجىرىنىڭ ئۇزىرىشىنى كاتالىزلايدۇ، RNA نىڭ سېنتىزلىنىشىنى باشلاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولمايدۇ. پەقەت سۇب رادىكالىنى قوشقاندىلا ئاندىن تولۇق ئېنزىملىق ئاكتىپلىقى ئىپادىلىنىدۇ، شۇڭلاشقا سۇب رادىكالى بىر باشلامچى فاكتور دېيىلىدۇ. ھەقىقىي يادرولۇق ھۈجەيرىلەردە ئۈچ خىل RNA پولىمېرازا بولىدۇ: RNA پولىمېرازا A (ياكى I) يادرودا مەۋجۇت بولۇپ، a ئامانىتىن ئىشقارىغا نىسبەتەن سەزگۈر بولمايدۇ، ئاساسەن RNAγ نىڭ ئالدىنقى تەنچىسىنىڭ كۆچۈرۈلۈشىنى كاتالىزلايدۇ، RNA پولىمېرازا B (ياكى Ⅱ) موللۇق تۆۋەن قويۇقلۇقتىكى ئامانتىن ئىشقارى بىلەن تورمۇزلىنىدۇ، ئۇ سىتوپلازمىدا مەۋجۇت بولۇپ، mRNA ئالدىنقى تەنچىسىنىڭ كۆچۈرۈلۈشىنى كاتالىزلايدۇ. RNA پولىمېرازا C (ياكى Ⅲ) پەقەت موللۇق يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى ئامانىتىن ئىشقارى بىلەن تورمۇزلىنىدۇ، كىچىك مولېكۇلىلىق RNA نىڭ كۆچۈرۈلۈشىنى كاتالىزلايدۇ. شەكلى ئوخشىمايدىغان ئېنزىملار RNA نىڭ ئوخشىمايدىغان رايونلىرى بىلەن بىرىكىپ، كۆچۈرۈلۈش جەريانىنى تەڭشەشتە ئىشلىتىلىدۇ.
بىئولوگىيە
DNA پولىمېرازا
دې ئوكسى نۇكلېئوتىد ترى فوسفاتنى ئاساسىي ماددا قىلىپ DNA نىڭ نۇسخىلىنىشىنى كاتالىزلايدىغان ئېنزىم. بەزىلىرى يەنە تۈزەشتۈرۈش فۇنكىسىيىسىگە ئىگە بولىدۇ. 1956 - يىلى kornberg چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيىسىدىن ساپ ھالدا ئايرىۋېلىنغان DNA پولىمېرازا، يەنى پولىمېرازا Ⅰ نىڭ مولېكۇلا ئېغىرلىقى 109 مىڭ بولۇپ، ئۇ بىر تال يەككە پېپتىد زەنجىرلىك، كۆپ فۇنكىسىيىلىك ئېنزىمدۇر. سۇبتىلىزىن قىسمەن پارچىلىنىپ ئىككى بۆلەك (مولېكۇلا ئېغىرلىقى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 76 مىڭ ۋە 34 مىڭ) گە ئايرىلىدۇ، چوڭ بۆلىكى پولىمېرازىلىق ئاكتىپلىقى بويىچە سىرتتىن كېسىشىش اكتىپلىقىنى ساقلايدۇ. كىچىك بۆلىكى سىرتىدىن كېسىشىش ئاكتىپلىقىغا ئىگە. DNA نۇسخىلانغاندا پولىمېرازا Ⅰ، NDA نى ئۈلگە قىلىپ، باشلامچى ماددا مەۋجۇت بولغاندا پولىمېرلىنىش رېئاكسىيىسىنى كاتالىزلايدۇ، يەنى باشلامچى ماددىنىڭ 31 - OH بىلەن ئاساسىي ماددىنىڭ a - ئورنىدىكى فوسفات كىسلاتا يادروسىغا قارىتا ھۇجۇم قىلىش بىلەن بىر فوسفوئېستېر بېغىنى ھاسىل قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا بىر پېر فوسفات كىسلاتاسىنى قويۇپ بېرىدۇ، پېر فوسفات كىسلاتاسىنىڭ گىدرولىزلىنىشىغا ئەگىشىپ ئاساسىي ماددىنىڭ يۆنىلىشى بويىچە تەدرىجىي ھالدا پولىمېرلىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يېڭى DNA زەنجىرى ئۇزىرايدۇ، ئەگەر سىڭىپ كىرگەن نۇكلېئوتىدلار خاتا بولۇپ قالىدىغان بولسا، ئېنزىم دەرھال سىرتىدىن كەسكۈچى ئېنزىملىق ئاكتىپلىقىنى ئىپادىلەپ، ئۇنى كېسىپ تاشلاش بىلەن نۇسخىلىنىشنىڭ ھەقىقىيىلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. DNA پولىمېرازا Ⅱ ۋە Ⅲ لەر Ⅰ گە ئوخشىمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى پولىمېرلىنىش رېئاكسىيىسىنى كاتالىزلايدۇ، لېكىن ئىنزىم Ⅱ نىڭ پولىمېرلاش ئاكتىپلىقى ناھايىتى تۆۋەن، ئېنزىم Ⅰ نىڭكىنىڭ 15 ھەسسىسىدەك بولىدۇ. ئېنزىم Ⅲ نىڭ ئاكتىپلىقى Ⅰ بىلەن ئوخشىمايدۇ. ھەر ئىككىلىسىنڭلا سىرتىدىن كېسىش ئاكتىپلىقى بولمايدۇ، شۇڭلاشقا Ⅲ لا نۇسخىلىنىشتا زۆرۈر ئېنزىم ھېسابلىنىدۇ. ھەقىقىي يادرولۇقلاردىكى DNA پولىمېرازىنىڭ بەش خىل شەكلىدە بولىدىغانلىقى بايقالغان: ئاساسىي شەكلى DNA پولىمېرازىسى a بولۇپ، كۆپىنچە ھۈجەيرە يادروسىدا بولىدۇ، سىتوپلازمىدىمۇ كۆرۈلىدۇ، DNA پولىمېرازا β ئاساسەن يادرو بولىدۇ، DNA پولىمېرازا γ يادرو ۋە سىتوپلازمىدىكى بارلىق DNA پولىمېرازا 1 - نىڭ 2% نى ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە خوندىرىئوسوما DNA پولىمېرازا ۋە ۋىرۇس ئىندۇكسىيىلەيدىغان DNA پولىمېرازا بولىدۇ.