Uyghur主要词典
جۇڭگو قىزىل قارىغىيى
بىئولوگىيە
قارىغاي ئائىلىسىگە كىرىدۇ. دائىم يېشىل تۇرىدىغان دەرەخ، قوۋزىقى قىزغۇچ قوڭۇر بولۇپ، رەتسىز تەڭگىچىلەرگە يېرىلىدۇ، دەرەخ تاجى كەڭ، مۇنار شەكىللىك، شېخى ھەر يىلى بىر ئايلانما ئۆسىدۇ، تۈكى بولمايدۇ؛يىڭنىسىمان يوپۇرمىقى ئىككىدىن جۈپلىشىپ تۇرىدۇ، ئالدى - كەينى يۈزىدە ھاۋا تۆشۈك سىزىقى، گىرۋىكىدە ئىنچىكە ھەرىسىمان چىشى بولىدۇ، يوپۇرماق غىلىپى ساقلىنىدۇ. ئاتىلىق، ئانىلىقى بىر تۈپتە بولىدۇ. ئاتىلىق شارچە گۈلى ئاچ قىزغۇچ قوڭۇر، دۈگىلەك تۈۋرۈكسىمان، باشاق شەكىللىك بولۇپ، يېڭى شاخنىڭ تۈۋىدە توپلىشىپ ئۆسىدۇ؛ ئانىلىق شارچە گۈلى يېڭى شاخنىڭ ئۇچىدا تاق 2 - 4 دانىسى توپلىشىپ ئۆسىدۇ، تۇخۇم شەكىللىك بولىدۇ، ئۈستۈنكى قىسمىدىكى تۈگۈن تەڭگىچىسىنىڭ كىندىكىدە يۇقىرىغا قاراپ تىك ئۆسكەن تىكىنى بولىدۇ، تۆۋەندىكى قىسىمىدىكى تۈگۈن تەڭگىچىسىنىڭ كىندىكى تۈز بولۇپ، تىكىنى بولمايدۇ. شارچە مېۋىسى قىسقا بولۇپ تۆۋەنگە ساڭگىلايدۇ، ئۇرۇق تەڭگىچىسى قالقانسىمان رومبا شەكىللىك، ئۇرۇقى ئۇزۇن تۇخۇم شەكىللىك، ئۇرۇق قانىتى نىسبەتەن ئۇزۇن بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەسلى ماكانى جۇڭگو بولۇپ، خۇەيخې دەرياسى بىلەن خەنشۈي دەرياسىنىڭ جەنۇبىغا، غەربىتىن سىچۇەننىڭ ئوتتۇرا قىسمى، گۇيجۇنىڭ ئوتتۇرا قىسمى ۋە يۈننەننىڭ شەرقىي قىسمىغىچە تارقىلىدۇ. ئۇ يورۇقلۇقنى ياخشى كۆرىدىغان، چوڭقۇر يىلتىز تارتىدىغان دەرەخ، مۆتىدىل نەم كىلىماتنى ياخشى كۆرىدۇ، سوغۇققا قارشى تۇرۇشچانلىقى ناچار، قورغاقچىلىققا چىداملىق بولۇپ، ئۈنۈمسىز، تۇپراق قەۋىتى نېپىز، كىسلاتالىق تۇپراقتا ئۆسىدۇ. ئۆسۈشى تېز بولۇپ، جەنۇبىي جۇڭگودا قاقاسلىقتا ئورمان بىنا قىلىشتىكى ئاۋانگارد دەرەخ بولۇپ، ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتتە قارىغاي تۈكلۈك قۇرتى مەسىلىسى نۇقتىلىق ھەل قىلىنىۋاتىدۇ. جۇڭگو قىزىل قارىغيىنىڭ ياغىچى توم، سىزىقى تۈز، ئىلاستىك، تەركىبىدە سىمولا مول بولۇپ، قۇرۇلۇش، شىپال، ئۆي جاھازلىرى، كان تۈۋرۈكى، قەغەز ياساش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ؛ سىمولىسىدىن رېزىنكە،ئىسكىپىدار ئايرىۋېلىنىدۇ؛ يىڭنە يوپۇرمىقدىن ئۇچۇچان ماي، تالا، كاشتان يېلىمى ۋە ۋىتامىن C قاتارلىق خام ئەشيالار ئايرىۋېلىنىدۇ؛ ئۇرۇقىدىن ماي تارتىپ ئىستېمال قىلىنىدۇ؛ شاخ، غول ۋە يىلتىزىدا پالما مەرىزى قاتارلىق دورىلىق ۋە ئوزۇقلۇق زەمبۇرۇغى ئۆستۈرۈلىدۇ؛ يىڭنە يوپۇرمىقى، شارچە گۈلى ۋە يىلتىزى دورىغا قوشۇلىدۇ.