Uyghur←Chinese主要词典
جۇڭگو پالمىسى
بىئولوگىيە
棕榈
zōnglǘ
پالما ئائىلىسىگە كىرىدىغان دائىم يېشىل تۇرىدىغان دەرەخ. غولى تىك ئۆسىدۇ، شاخلانمايدۇ، يوپۇرماق غىلىپىدىن ھاسىل بولغان تورسىمان يېپىنچىلار غولىنى ئوراپ تۇرىدۇ. يوپۇرمىقى چوڭ بولۇپ، غولىنىڭ ئۇچىدا توپلىشىپ ئۆسىدۇ ۋە ئالىقانسىمان چوڭقۇر يېرىلىدۇ؛ يېرىقچە ياپىراقچىسى يىپسىمان، قاتتىق، ئۇچى ئىككىگە تېيىز يېرىلىدۇ؛ يوپۇرماق سېپىنىڭ ئۇچىدا كىچىك نەيزىسىمان ئۆسۈكچە، يوپۇرماق گىرۋىكىدە ئىنچىكە تىكەنچە بولىدۇ. گۆشلەشكەن باشاقسىمان گۈل رېتى كونۇسسىمان گۈل رېتى شەكلىدە تىزىلىپ، قولتۇقتا ئۆسىدۇ، ئومۇمىي ئورىغۇچى يوپۇرمىقى كۆپ، رەڭگى سېرىق بولىدۇ، دات رەڭ تىۋىتسىمان تۈكچىلەر ئوراپ تۇرىدۇ. گۈلى كىچىك، ئاقۇش سېرىق، ئاتىلىق، ئانىلىقى ئايرىم تۈپتە ئۆسىدۇ. ئۈچكىلىك مېۋىسى بۆرەكسىمان قارامتۇل كۆك بولۇپ، ئاق پاراشوكى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەسلى ماكانى جۇڭگو بولۇپ چىنلىڭ تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى ھەر قايسى ئۆلكىلەرگە تارقىلىدۇ، ياپونىيە، بىرما ۋە ھىندىستاندىمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ. ئۇ نەم تۇپراقنى خالايدۇ ۋە جۇڭگونىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مەنزىرە ئۆسۈملۈكى ئورنىدا ئۆستۈرۈلىدۇ، پالما يېپىنچىسىدىن چىگە، چوتكا، سېلىنچا قاتارلىقلار ياسىلىدۇ؛ غولىنى ئۆيلەرگە تۈۋرۈك، بالداق قىلىشقا بولىدۇ؛ يۇمران يوپۇرمىقىنى ئارقاتقاندىن كېيىن يەلپۈگۈچ، چىغ قالپاق ياساشقا بولىدۇ. پالما تۈكچىلىرى دورىغا قوشۇلىدۇ. ئۇ جاراھەت ئېغىزىنى قورۇپ قان توختىتىش رولىنى ئوينايىدۇ، ئاساسەن قان تۈكۈرۈش، قان سىيىس ۋە تولغاق قاتارلىق كېسەللىكلەرگە شىپا بولىدۇ؛ ئادەتتە ئۇنى ئوتتا قورۇغاندىن كېيىن ئىشلىتىلىدۇ.
ئۆسۈملۈك
棕榈
zōng lǘ