Uyghur主要词典
جۈمە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھەپتىنىڭ بەشىنچى كۈنى.
1991 _ يىلى 8 _ مارت جۈمە كۈنى كەلدى. شەنبە شىكار، ئازنا بىكار.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دۈشەنبىدىن يەكشەنبە كۈنىگىچە بولغان يەتتە كېچە - كۈندۈزنى ئىچىگە ئالغان ۋاقىت ئۆلچەم بىرلىكى.
ھەپتە ئۆتتى، ھەمدەم بولالمىدىم. يەتتە كۈننىڭ ئالتە كۈنى <بە>، بىر كۈنى <مە>. نەچچە جۈمە ئۆتتى ئارقا - ئارقىدىن، بىرىمۇ توختاپ قالمىدى، تەلەپ - ئىلتىماستىن.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد ئادەتلىرى
مۇسۇلمانلاردا، جۈملىدىن ئۇيغۇرلاردىمۇ جۈمە كۈنى ئارام ئېلىش ئادەت بولۇپ قالغاچقا، شۇ كۈنى ھۈنەرۋەن _ كاسىپ، تىجارەتچى ۋە باشقىلار ئۆز ئىشىنى توختىتىدۇ. ھەر قايسى مەھەللىنىڭ كىچىك مەسچىتىنىڭ جامائىتى چوڭ جامەگە يىغىلىپ جۈمە نامىزى ئوقۇيدۇ. بىر ھەپتە ئۆز ئىشى بىلەن بولۇپ بىر _ بىرى بىلەن يۈز كۆرۈشمىگەن ئادەملەر مۇشۇ مۇناسىۋەت ئارقىلىق بىر _ بىرى بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ. شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن جۈمە كۈنى يول (سەپەر) غا چىقمايدۇ. مۇسۇلمانلار جۈمەنى ئۇلۇغ بىلگىنى ئۈچۈن، بىراۋ شۇ كۈنى ۋاپات قىلسا ياكى يەرلىككە قويۇلسا، ناھايىتى خۇش بولۇشىدۇ. جۈمە نامىزىغا كېلىدىغان جامائەت كۆپ بولغىنى ئۈچۈن، ۋاپات بولغۇچىنىڭ جىنازىسى جامەدە بولۇشىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ياشقا كېلىنلەر جۈمە كۈنى ئاتا _ ئانىسىنىڭ ئۆيىگە، يا ئۇلاغلىق، يا ھارۋا بىلەن جۈمەلەپ بېرىپ ئاتا _ ئانىسىنى كۆرۈپ كېلىدۇ. (ر)
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئەرەبچە سۆز بولۇپ، ھىجرىيە كالىندارى بويىچە جامائەت بىللە ناماز ئوقۇيدىغان كۈندۈز (مىلادىيە كالىندارى بويىچە ھەر ھەپتىنىڭ 5 - كۈنى).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
دۈشەنبىدىن ھېسابلىغاندا ھەر ھەپتىنىڭ بەشىنچى كۈننىڭ نامى؛ ئازنا.
<دىن> جۈمە كۈنى پېشىن ۋاقتىدا، جامەدە جامائەت بىلەن ئوقۇلىدىغان ناماز.
جۈمەدىن يانغان جامائەت ئۆيلىرىگە قايتىشتى.
ئەرلەرنىڭ ئىسمى.