Chinese→Uyghur主要词典
蕨类植物门
ئۆسۈملۈك
jué lèi zhí wù mén
پېتىرمىلار، قىرىققۇلاقلار
بىئولوگىيە
پاپوروتنىكلار تىپى
يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بىر تىپى، شۇنداقلا قاناللار باغلىمى بولغان سپورىلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كۆپىنچىسى قۇرۇقلۇقتا يېپىشىپ ياشايدۇ، ئاز ساندىكىلىرى سۇدا ياشايدۇ؛ كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك، ئاز بىر قىسمى ياغاچ غوللۇق ئۆسۈملۈك، سپورىلىق تېنى يىلتىز، غول ۋە يوپۇرماققا دىففېرېنسىلىينىدۇ. سپورىلىق تېنى كۆپ ساندا سپورا خالتىسى ھاسىل قىلىدۇ. سپورا خالتىسىنىڭ ئىچىدە سپورا بولىدۇ. سپورا خالتىسى شاخنىڭ ئۇچى ياكى ئالاىدىلەشكەن يوپۇرمىقىدا ئۆسىدۇ. بەزىلىرى سپورىلىق يوپۇرماقنىڭ گىرۋىكىدە ئۆسىدۇ، بەزىلىرى شاخنىڭ ئۇچىدا توپلىشىپ ئۆسۈپ سپورىلىق يوپۇرماق شارچىسىنى ھاسىل قىلىدۇ. مۇتلەق كۆپ ساندىكى تۈرلەرنىڭ سپورا خالتىسى سپورىلىق يوپۇرماقنىڭ ئاستىنقى يۈزىدە ئۆسۈپ سپورا خالتا توپىنى ھاسىل قىلىدۇ. سپورىسى ئوخشاش تىپلىق ۋە غەيرىي ئوخشاش تىپلىقتىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدۇ. سپورىسى غەيرىي ئوخشاش تىپلىق بولغان سپوروفىتتىن چوڭ ۋە كىچىك سپورىلىق يوپۇرماق ھاسىل بولىدۇ. چوڭ سپورىلىق يوپۇرماق چوڭ سپورا خالتىسىنى ھاسىل قىلىدۇ. چوڭ سپورا خالتىسى ئىچىدە چوڭ سپورا بولىدۇ؛ كىچىك سپورىلىق يوپۇرماق كىچىك سپورا خالتىسىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە كىچىك سپورا بولىدۇ. سپورىسى ئوخشاش تىپلىق بولغان سپوروفىتنىڭ سپورىلىق يوپۇرماق ۋە سپورىسى ئوخشاش بولىدۇ. سپورا پىشقاندىن كېيىن سپورا خالتىسىدىن ئالاھىدە بىر خىل ئۇسۇل بىلەن يېرىپ (ھالقىسىمان) چېچىلىدۇ، يەرگە چۈشكەندىن كېيىن مۇۋاپىق شارائىتتا بىخلىنىپ ئىپتىدائىي يوپۇرماقسىمان تەن، يەنى گامېتوفىتقا ئايلىنىدۇ. گامېتوفىت كىچىك، تۈزۈلۈشى ئاددىي، يوپۇرماقسىمان بولۇپ تېنىدە خىلوروفىل بولمىغاچقا ئۆزىدىن ئوزۇقلىنالمايدۇ. بىر گامېتوفىتتا تۇخۇم ئورگىنى بىلەن سپېرما ئورگىنى ھاسىل بولىدۇ. بىراقسپورىسى غەيرىي ئوخشاش تىپلىق بولغان پاپورتنىكلارنىڭ گامېتوفىتى ئىنتايىن ئاددىي بولۇپ، ئاتىلىق، ئانىلىقى ئايرىم تۈپتە بولىدۇ. تۇخۇم ئورگىنىدىن تۇخۇم، سپېرما ئورگىنىدىن سپېرما ھاسىل بولىدۇ. سپېرما سۇدا ئۆز تېنىدىكى كىرپىك تۈكلەرگە تايىنىپ ھەرىەت قىلىپ، تۇخۇم بىلەن قوشۇلىدۇ. ئۇرۇقلانغان تۇخۇم يېتىلىپ تۆرەلمىگە ئايلىنىدۇ، تۆرەلمە يېتىلىپ يېشىل رەڭلىك سپېروفىتقا، يەنى پاپورتنىكقا ئايلىنىدۇ. دەۋر ئالمىشىشى روشەن بولىدۇ. پاپورتنىكلارنىڭ تەخمىنەن 12 مىڭ تۈرى بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقىلىدۇ، بولۇپمۇ ئىسسىق بەلباغ ۋە سۇپتروپىك بەلباغدا كۆپ ئۆسىدۇ. نەم، مۆتىدىل ئورمان مۇھىتىدا ئۆسۈشنى ياخشى كۆرىدىغانلىرى سامان غوللۇق قەۋەتنىڭ ئاساسلىق تۈزگۈچى تەركىبى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. پاپورتنىكلارنى ئىستېمال قىلىشقىمۇ، دورىغا ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ.