Uyghur←Chinese主要词典
جېتاۋانا - ۋىخارا
دۇنيا تارىخى
祗圆精合
zhī yuán jīng hé
سانسىكرىتچە Jetavana Vihara نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. قەدىمكى ھىندىستاننىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى بۇددا دىنىنىڭ مۇقەددەس جايى. ئورنى تەخمىنەن ھازىرقى سېت ماخېت دېگەن جايغا توغرا كېلىدۇ. <جېتاۋانا> ئەسلى كوسالا دۆلىتىنىڭ پادىشاھى پراسېنتاجىتنىڭ شاھزادىسى جېتانىڭ بېغى بولۇپ، سىراۋاستى شەھىرىنىڭ ئاقساقىلى سۇداتتا بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ، نۇرغۇن پۇل سەرپ قىلىپ بۇ باغنى سېتىۋالغان ھەمدە ۋىخارانى قۇرۇپ دىن تارقىتىدىغان مۇقەددەس جاي سۈىتىدە ساكيامونىغا تەقدىم قىلغان. لېكىن جېتا باغنىڭ يېرىنى سېتىپلا دەل - دەرەخلىرىنى ساكيامونىغا تەقدىم قىلغان. شۇڭا ۋىخارا ئىككى ئادەمنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ساكيامونى بۇ جايدا يىگىرمە يىلدىن ئوشۇقراق ۋاقىت تۇرغانىكەن. راجاگرىخا شەھىرىنىڭ يېنىدىكى ۋېنۇۋانا ۋىخارا بىلەن قوشۇلۇپ بۇددا دىنىنىڭ ئىككى چوڭ ۋىخاراسى دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ ئىككى جاي بۇددا دىنىنىڭ دەسلەپكى پائالىيەت ئېلىپ بارغان مەركىزى ھېسابلىنىدۇ. شەرقىي جىن سۇلالىسىدە ئۆتكەن فاشيەن ھىندىستانغا قىلغان ساياھەت خاتىرىسىگ بۇ جاينىڭ <كۆل ۋە ئېرىقلاردىكى سۇلىرى سۈپسۈزۈك، دەل - دەرەخلىرى باراقسان ئىكەن، سەيلىگاھنىڭ ئىچىدىكى رەڭگارەڭ گۈل - گىياھلار تولىمۇ چىرايىلىق كۆرۈنىدىكەن> دەپ يازغان.