Uyghur←Chinese主要词典
جوسېف فلاۋې
دۇنيا تارىخى
约塞夫.弗拉维
yuē sāi fū .fú lā wéi
(تەخمىنەن مىلادى 37 - 98 - يىللىرى) قەدىمكى يەھۇدىي تارىخشۇناسى. ئېرۇسالىمدىكى دۆلەتمەن ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ياش ۋاقتىدا رىمغا كېلىپ مەلۇم يەھۇدىي دەۋا دېلوسىنى ئاقلاپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. ئۇ ئېرۇسالىمغا قايتىپ كەلگەندە دەل يەھۇدىيلار رىمغا قارشى قوزغىلاڭ (مىلادى 66-يىلى) كۆتۈرگەن بولۇپ، ئۇ بۇيرققا بىنائەن خۇتاپاتانى قوغداپ، ۋېسپارسىئان باشچىلىقىدىكى بۇيرۇققا بىنائەن جۇتاپاتانى قوغداپ، ۋېسپاسىئان باشچىلىقىدىكى رىم قوشۇنلىرىغا قارشىلىق كۆرسەتكەن. شەھەر قولدىن كەتكەندىن كېيىن كەڭچىلىككە ئېرىشكەن ھەمدە ۋېسپاسىئان ۋە ئۇنىڭ ئوغلى تىت كەلگۈسىدە ئىمپېرىيە ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىدىغانلىقىنى ئالدىن ھۆكۈم قىلغان. مىلادى 70-يىلى قوزغىلاڭ باستۇرۇلۇپ، ئۇ تىت بىلەن رىمغا (بۇ چاغدا ۋېسپاسىئان ئىمپېراتور بولغان) كېلىپ رىم پۇقرالىرق ھوقۇقىغا ئېرىشىپ، فىلاۋىي خاندانلىقىدا ئەمەل تۇتقان. ۋېسپاسىئان ئۇنىڭغا <فىلاۋىي خاندانلىقىدا ئەمەل تۇتقان. ۋېسپاسىئان ئۇنىڭغا >فىلاۋې< نامىنى ئىنئام قىلىپ، تاكى ئۆلگىچە رىمدا تۇرغۇزغان. ئۇ سىياسىي جەھەتتە رىم پەرەس. بىراق يەھۇدىي دىنى ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە يەنىلا چوقۇنغان. ئۇنىڭ يۇنان تىلىدا يازغان ئەسەرلىرىدىن ئااسلىقى >يەھۇدىيلار ئۇرۇشى تارىخى< نامىلق ئەسىرى بولۇپ، مىلادىدىن 170 يىل ئىلگىرى سېلېۋىكىيە پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى ئانتىئوك Ⅳ (مىلادىدىن ئىلگىرى 175 - 163 تەختتە بولغان) ئېرۇسالىمنى بېسىۋالغاندىن تارتىپ ئالدىنقى دەۋردىكى نۇرغۇنلىغان مۇھىم تارىخىي ۋەقەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، مىلادى 66-يىلىدىكى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن يەھۇدىيلار قوزغىلىڭى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى رىمغا قارشى ئۇرۇشنى تەپسىلىي بايان قىلىپ بەرگەن. >يەھۇدىيلارنىڭ قەدىمكى زامان تارىخى< ئەسىرىدە يەھۇدىيلار تارىخىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە 66-يىلغىچە بولغان ئەھۋالنى بايان قىلغان. بۇ ئىكى پارچە ئەسىرى قەدىمكى زامان تارىخىنى بولۇپمۇ قەدىمكى يەھۇدىيلارنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى قىممەتلىك ماتېرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە >تەرجىمىھال< قاتارلىق ئەسەرلىرىمۇ بار.