Uyghur主要词典
جورىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر نەرسە تەييارلاش ئۈچۈن ئۇرۇنماق، ئاۋارە قىلماق.
بارنى ئايىما، يوققا كايىما. تولا جوۋاپ كەتلە، رەھمەت. جورىغانغا جان كىرمەيدۇ.
شىۋىلەر
بۇيرۇماق؛ باشقۇرماق؛ ئىشلەتمەك؛ بېغىشلىماق، باغلىماق؛ شىلىتمەك. مەسىلەن: ئەقلىنى جورىماق _ ئەقلىنى ئىشلەتمەك؛ ئىشقا جورىماق _ ئىشقا بۇيرۇماق؛ قولنى جورىماق _ قولنى شىلتىمەك؛ بۇ ئۇتۇقلارنى ئۆزىنىڭ چىچەنلىكىگە جورىدى _ بۇ ئۇتۇقلارنى ئۆزىنىڭ چىچەنلىكىگە بېغىشلىدى ياكى باغلىدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بىرەر ئىش، بىرەر مەسىلە ھەققىدە توختىماي، تەكرار - تەكرار سۆزلەپ كەتمەك، قايتا - قايتا دەۋەرمەك.
- ھە، نېمە گەپ؟ <ساقچى ئەپەندى> دەپ جوراپ كەتمىسەڭمۇ بىز ساقچى، - دېدىم مەن ئۇنىڭغا قوپاللىق بىلەن.
كايىماق، ئاچچىقلانماق.
مانا بۇ ئىش تۈپەيلى، داۋۇت موللام يەنە جوراشقا باشلىدى.