Uyghur←Chinese主要词典
جون لاۋ
دۇنيا تارىخى
约翰.劳
yuē hàn .láo
(1671 - 1729) فرانسىيە مىركانتىلىزمنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە ئۆتكەن مالىيە سەرراپى. شوتلاندىيە ئېدىنبۇرگدىكى بىر زەرگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دۇئىلغا چىقىپ ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغانلىقتىن، ئامىستېردام شەھىرىگە قېچىپ بېرىپ، پۇل مۇئامىلە ئىشلىرى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. شوتلاندىيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، 1705-يىلى پارلامېنتقا قەغەز پۇل تارقىتىش ھوقۇقىغا ئىگە بانكا قۇرۇپ چىقىش تەكلىپىنى بەرگەن. بىراق رەت قىلىشقا ئۇچرىغان. ئۇنىڭ فرانسىيىگە كەلگەن ۋاقتى دەل لۇئى ⅩⅣ ئۆلۈپ، مالىيە ىيىنچىلىق ئىچىدە قالغان ۋاقىتقا توغرا كەلگەچكە نائىب شاھ گرېتسوگ ئورلىئاننىڭ قوللىشى بىلەن 1716-يىلى قەغەز پۇل تارقىتىدىغان بىر خۇسۇسىي بانكا قۇرغان. 1817-يىلى پادىشاھلىق بانكىغا ئۆزگەرتىلگەن. 1720-يىلى مالىيە باش تەپتىش بولغان. ئۇنىڭ پىلانى ھايانكەشلىك ئەسەبىيىلىكى ۋە پۇل پاخاللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاچقا، بىر قانچە يىلدىلا ئىناۋىتى تۆكۈلۈپ بەربات بولغان. فرانسىيىدىن ئايرىلغاندا رەسۋاسى چىقىپ، ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىنى ۋېنتسىيىدە قىمارۋازلىق بىلەن ئۆتكۈزگەن. ئۇنىڭ پىلانىنىڭ مەغلۇپ بولۇشى فرانسىيە مېركانتلىزم دەۋرىنىڭ ئاياغلىشىشىنى تېزلەتكەن. ئۇنىڭ <پۇل ۋە سودا - دۆلەتنى پۇل بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدا تەكلىپ> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.