Uyghur←Chinese主要词典
جىن خەيبېي قەبرىستانلىقى
دۇنيا تارىخى
金海贝冢
jīn hǎi bèi zhǒng
چاۋشيەننىڭ قەدىمكى دەۋرىدىكى مەدەنىيەت خارابىسى. ئورنى چىڭ شاڭ ئۆلكىسى جىنخەي ۋىلايىتىدە. ئۇ يەردە ئىپتىدائىي ئاھالىلەر ئولتۇراقلاشقان جاي، بېيى قەبرىسى ۋە قەبرىلەر بار. 1907-يىلى ياپونلۇقلار ئارخېئولوگىيىلىك قېزىش ئېلىپ بارغان، كېيىن سەككىز قتىم قېزىلغان. 1920-يىلى فىڭ خۇاڭتەينىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى بېي قەبرىسى قېزىلىپ، ساپال قاچىلارنىڭ سۇنۇقلىرى، كۆمۈرگە ئايلانغان شال قاسىراقلىرى، ئات، كالا قاتارلىق ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ سۆڭەكلىرى، ھايۋان مۆڭگۈزىدىن ياسالغان قوراللار، بەزى تۆمۈر قوراللارنىڭ پارچىلىرى چىققان.تاش قوراللار بەكمۇ ئاز. بۇنىڭدىن باشقا ۋاڭ ماڭ زامانىسىدىكى بىر تال تەڭگە پۇل - خوچۈەن تېپىلغان. 1934 - 1935 - يىللىرى يەنە بىر قېتىم قېزىلىپ ساپال تاۋۇت بىلەن تاش تاۋۇت قاتار قويۇلغان قەبرىستانلىق خارابىسى تېپىلغان. ساپال تاۋۇتتىن مىستىن ياسالغان ئىككى دانە برۇنازا قىلىچ، يەتتە دانە نەيزە، تاش تاۋۇتتىن ئىككى تال ئوقيا ئوقى، بىردانە قىزىل مىس چۆگۈن چىقان، بۇ نەرسىلەر مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅰ ۋە Ⅱ ئەسىردىكى ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇش خارابىسى دەپ ھۆكۈم قىلىنغان، قېزىلمىلار بۇ يەردىكى ئاھالىلەرنىڭ برۇنزاۋە تۆمۈردىن ياسالغان قوراللارنى ئىشلەتكەنلىكىنى، دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى، شۇنىڭدەك خەنزۇ مەدەنىيىتى بىلەن مۇئەييەن دەرىجىدە باشلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.