Uyghur←Chinese主要词典
جىنىسلىق كۆپىيىش
بىئولوگىيە
有性生殖
yǒuxìngshēngzhí
ئىككى دانە جىنىسىي ھۈجەيرە (ئانىلىق گامېتا بىلەن ئاتىلىق گامېتا ياكى تۇخۇم بىلەن سپېرما) قوشۇلۇپ زىگوتا ھاسىل قىلىدىغان، زىگوتا يېتىلىپ، يېڭى يەككە تەنگە ئايلىنىدىغان كۆپىيىش شەكلى، ئۇ جانلىقلار دۇنياسىدىكى ئەڭ ئومۇملاشقان بىر خىل كۆپىيىش شەكلى بولۇپ، مەزمۇنى ئوخشاش بولمىغان ئۈچ خىل كۆپىيىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلار ئوخشاش گامېتىدىن كۆپىيىش ۋە تۇخۇمدىن كۆپىيىش قاتارلىقلار بۇ ئۈچ خىل كۆپىيىش جىنىسلىق كۆپىيىشنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانىدىكى ئۈچ باسقۇچقا ۋەكىللىك قىلىدۇ. جىنىسلىق كۆپىيىشكە قاتنىشىدىغان ھەر بىر گامېتا ئوخشاش بولمىغان ئىرسىيەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولىدۇ. ئىككى ئەجداد يېڭىدىن ھاسىل بولىدىغان ئەۋلاد يەككە تەننى ئىرسىيەت خەۋىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئەۋلادنىڭ ئىرسىيەت خەۋىرىدە گۇرۇپپىلىشىش بارلىققا كېلىپ، ئەجدادىغا قارىغاندا تېخىمۇ زور ھاياتلىق كۈچى ۋە ئۆزگىرىشچانلىققا ئىگە بولغان بولىدۇ. تەبىئىي تاللاش ۋە سۈنئىي تاللاشنى تېخىمۇ مول ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيدۇ، تۈرلەرنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە فۇنكىسىيىلىك جەھەتتە تەدرىجىي ياخشىلىنىدۇ ۋە تەرەققىي قىلىدۇ.
دېھقانچىلىق
有性繁殖
yǒu xìng fán zhí