Uyghur←Chinese主要词典
جېن شىڭۋاڭ
دۇنيا تارىخى
真兴王
zhēn xìng wáng
(534 - 576) چاۋشيەندىكى سىللا پادىشاھى (540-576). ئىسمى شيەنمەيزۇڭ ياكى شېن مەيفۇ. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ جيەنيۈەن، گەيگو، داچاڭ، خۇڭجى دېگەن يىلنامىلەرنى ئىشلەتكەن. تەختتىكى مەزگىلىدە جۈچىفۇ قاتارلىقلارنى دۆلەت تارىخىنى يېزىشقا بۇيرۇغان. بۇددا دىنىغائ ېتىقاد قىلغان، ئىبادەتخانىلارنى ياساتقان. جۇاڭ، تىڭ قاتارلىق ھەربىي تەشكىلاتلارنى كۈچەيتكەن ۋە مۇكەممەللەشتۈرگەن، شۇنداقلا قۇتلۇق يىگىلتەر تەكىلاتىنى تۈزۈملەشتۈرگەن؛ جۇچىفۇ، يى سىفۇ، سى دوخەن قاتارلىقلارنى ۋەزىرلىككە تەيىنلىگەن، ئۆزىدىن بۇرۇن ئۆتكەن ففىڭۋاڭ (514 - 540 - يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) ئاساس سالغان دۆلەت سىياسىتىگە ۋارىسلىق قىلغان ۋە ئۇنى يولغا قويغان. كوگۇريوغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، سىرتقا قارىتا پېكچىنىڭ ئىلتىماسىغا بىنائەن، مىلادى 415-يىلى (جيەنيۈەننىڭ 6-يىلى) سۈلھ تۈزگەن، 551-يىلى (كەيگونىڭ بىرىنچى يىلى) جۇچىفۇغا ئەسكەر باشلاپ بەي جى بىلەن بىرلىشىپ شىمالغا يۈرۈش قىلىشقا بۇيرۇق بەرگەن، ئۇلار كوگۇريوغا ھۇجۇم قىلىپ، جۇلىڭنىڭ شىمالىدىكى 10 ۋىلايەت (ھازىرقى جياڭيۈەنداۋنىڭ غەربى) نى ئىشغال قىلغان، ئاندىن كېيىن يەنە پېكچى ئىشغال قىلىپ تۇرغان خەنجياڭ ۋادىسىدىكى ئالتە ۋىلايەتنى تارتىۋېلىپ، يېڭى ئايماق تەسىس قىلغان. 554-يىلى (كەيگونڭ 4-يىلى) پېكچى پادىشاھى شېن مىڭۋاڭ نۇرغۇن ئەسكەر باشلاپ كېلىپ ھۇجۇم قىلىپ قاتتىق مەغلۇپ بولغان، يوشۇرۇنغان ئەسكەرلەر شېن مىڭۋاڭنى ئۆلتۈرگەن، پىكچى بىلەن تۈزگەن سۈلھ بۇزۇلغان 556-يىلى (كەيگونىڭ 6-يىلى) شەرقىي دېڭىز ياقىسىنى بويلاپ شىمالغا يۈرۈش قىلىپ، توجىڭ ھەتتا مۇيۇنلىڭغىچە بارغان. 625-يىلى (كەيگونىڭ 12-يىلى) جەنۇبتىكى داجىيايى بىلەن بىرلىشىپ، زىمىنىنى كېڭەيتكەن.