Uyghur←Chinese主要词典
جىن شياۋيۈەن
دۇنيا تارىخى
金孝元
jīn xiào yuán
(1532 - 1590) چاۋشيەن لى سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئىككى تەرەپ مۆتىۋەرلىرى ئىچىدىكى دوڭرىنداڭچىلارنىڭ كاتتىبېشى، چىڭ شاڭداۋ ۋىلايىتى، شيەنشەن ناىيىىدىن، تەخەللۇس رىن بۇ، لەقىمى شېڭ يەن، ۋەزىر يىڭ يۈەنخىڭنىڭ تۇغقىنى. جىن زۇڭجى ئىلمىي ئېقىمىدىكى جىن جىنسىدىن تەلىم ئالغان. 1565-يىلى (مىڭزۇڭنىڭ 20-يىلى)ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن. شۇ ۋاقىتتا مەسلىھەتچى ۋۇجيەن ئۆزىنىڭ ئورۇنباسارلىقىغا تەيىنلىمەكچى بولغاندا، ئوردا ۋەزىرى شىن يىجەننىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغان. شۈەنزۇ ۋاقتىدا مەسلىھەتچىلىككە تەيىنلىنىپ، ئوردا ئەمەلدارلىرى ئىچىدە ئابروي قازانغان. شىن يىجەننىڭ ئىنىسى جۇڭ جيەن مەسلىھەتچىلىككە تەيىنلىنىش كويىدا بولغاندا، ئوردا ۋەزىرى شىن يىجەننىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغان. شۈەنزۇ ۋاقتىدا مەسلىھەتچىلىككە تەيىنلىنىپ، ئوردا ئەمەلدارلىرى ئىچىدە ئابوري قازانغان. شىن يىجەننىڭ ئىنىسى جۇڭ جيەن مەسلىھەتچىلىككە تەيىنلىنىش كويىدا بولغاندا شياۋيۈەن ئارىدا توسقۇنلۇق قىلغان، شۇڭا ئوردىدىكى ئەمەلدار ئۆلىمالار ئوتتۇرىسدىكى ھوقۇق - مەنپەئەت تالىشىش كەسكىنلەشكەن. ئىلگىرىكى ئۆلىمالار شېن يىچيەنگە ئەگەشكەن، يېڭى ئۆلىملار جىن شياۋيۈەننى قوللىغان. 1575-يىلى (شۈەنزۇنىڭ 8-يىلى) شىن بىلەن جىندىن ئىبارەت ئىككى گۇرۇھ شەكىللەنگەن. ئۇنىڭ ئۆيى خەنچىڭنىڭ شەرقىدىكى گەنچۈندۇڭدا بولغاچقا ئۇنىڭ گۇرۇھىدىكىلەر شەرقلىكلەر دەپ ئاتالغان. ئۇزۇن ئۆتمەي لى ئىرنىڭ كېلىشتۈرۈشى بىلەن شيەنجىڭ، جياڭيۈەن ۋىلايەتلىرىگە بېرىپ جايلارنىڭ مەھكىمە ئامبىلى بولغان.