Uyghur←Chinese主要词典
جىن يۇشىن
دۇنيا تارىخى
金信
jīn xìn
(595 - 673) چاۋشيەندىكى سېللا دۆلىتىنىڭ سەركەردىسى. جىن خەيجالو خان جەمەتىدىن كېلىپ چىققان. مىلادىن 629-يىلى كورىيە ئارمىيىسى بىلەن نياڭبىچىڭ شەھىرىدە ئۇرۇش قىلىپ خىزمەت كۆرسەتكەن. ئىككى جەھەتتە سېللا دۆلىتىنىڭ پادىشاھلىق ھۆكۈمرانلىقىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ، قۇۋۋەتلىگەن. 647-يىلى ۋەزىر پىتەن قاتارلىقلار ئايال پادىشاھ شيەندىنى ئاغدۇرۇش قەستىدە ئىسيان كۆتۈرگەندە قوشۇن تارتىپ پىتەننى مەغلۇپ قىلغان. 654-يىلى ئايال پادىشاھ جىندى ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىدىغان ئادەم چىقمىغاندا جىنچۇن چو (تەيزۇڭ ۋولېۋاڭ) نى يۆلەپ تەختكە چىقارغان. سېللانىڭ چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بەرگەن. 660-يىلى جىنچۇن چوغا ئەگىشىپ سېللا قوشۇنىنى باشلاپ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ قوشۇنلىرى بىلەن بىرلىشىپ پېكچىنى يوقاتقان. 686-يىلى كورىيىگە ھۇجۇم قىلغان. تاڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىغا يەتكۈزۈپ بېرىلىدىغان ئاشلىق - تۈلۈككە نازارەت قىلغان. خىزمەت كۆرسەتكەنلىكتىن يۇقىرى مەرتىۋىگە ئىگە بولغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، چىڭ شاڭبىيداۋ ۋىلايىتىدىكى چىڭجۇ شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى چيەنمۇ قەبرىسى جىن يوشىنىڭ قەبرىسى ئىكەن.