Uyghur主要词典
جىمجىت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۈن _ تىنسىز، شاۋقۇنسىز.
جىمجىت دېڭىزدا ھەممە ئادەم يول باشلىغۇچى بولالايدۇ. كۆپ كاسىلدىغان دانادىن بىراق، جىمجىت ئولتۇرغان نادان ياخشىراق. بىردەمدە ھەممە جاھان تىمتاس بولۇپ قالسا، بىر گەپ بار. تىپتىنچ ياتقان يولۋاسقا چېقىلما.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ۋاراڭ - چۇرۇڭ، تاراق - تۇرۇق بولمىغان ھالەت.
قىيا - چىيا، شاۋقۇن - سۈرەن
ۋاراڭ - چۇرۇڭ، تاراق - تۇرۇق بولغان ھالەت.
كەڭ ئېقىن جىمجىت ئاقار، تەربىيە كۆرگەن كىشى كەمتەر بولار. تىپتىنچ دېڭىز ماھىر دېڭىزچىنى يارىتالمايدۇ. تىمتاس تۇرغاندىن ئۈمىد كۈتمە. قىيا - چىيا - جەڭگى - جېدەلنىڭ بەلگىسى. شاۋقۇن - سۈرەن كۆتۈرۈلدى - جىمجىتلىق بۇزۇلدى. تىپتىنچ ياتقان يولۋاسقا چېقىلما.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
رەۋىش
ئاۋاز چىقارماي، ۋاراڭ - چۇرۇڭ قىلماي، تىپتىنچ.
ئەقلى ئەمگەك قىلغۇچىلار پات - پات ھاۋالىق جاي ۋە جىمجىت مۇھىتتا دەم ئېلىشى لازىم.
ھەرىكەتسىز، مىدىرلىماي.
كىنو باشلىنىش بىلەن تەڭ، ئوتتۇرىدا يۈگۈرۈپ يۈرگەن بالىلار جىمجىت ئولتۇرۇشقا باشلىدى.