Uyghur主要词典
جېمدېت ناسىۋ مەدەنىيىتى
دۇنيا تارىخى
مېسوپوتامىيە ۋادىسىدىكى برۇنزا ۋە تاش قوراللار تەڭ ئىشلىتىلگەن دەۋردىكى مەدەنىيەت. ئېفرات دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىدىكى جېمدېت ناسىۋ (ھازىرقى ئىراقتىكى باغدادنىڭ جەنۇبى) خارابىسىدىن تېپىلغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. بۇ مەدەنىيەتنىڭ مەۋجۇت بولغان دەۋرى مىلادىدىن 3100 - 2700 يىل ئىلگىرىكى يىللار ئارىلىقىدا. ئوخشاش بىر باسقۇچتىكى مەدەنىيەت خارابىلىرى مېسوپوتامىيە ۋادىسىدا كەڭ تۈردە تېپىلغان. ئاھالىسى ئاساسەن سۇغىرىلىدىغان دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان، چاناپ تېرىشتىن ساپان بىلەن تېرىشقا ئۆتكەن، كالا، قوي، ئېشەك قاتارلىقلارنى كۆندۈرگەن.تاشتىن ۋە ئۇستىخاندىن ياسالغان قوراللار يەنىلا ئىشلىتىلگەن. لېكىن بارغانسېرى ئۇنىڭ ئورنىنى مىس بىلەن ئىشلەنگەن قوراللار ئالغان. ساپال چاق بىلەن ساپال قاچىلار ئىشلەنگەن ھەم ئۇ تۈرلۈك قاپارتما گۈللەر ۋە گېئومېتىرىك سىخىملار بىلەن بېزەلگەن. چاقلىق ھارۋا، ياغاچ كېمە قاتارلىق ترانسپورت قوراللىرى ئىشلىتىلگەن. ئونلۇق ساناق ۋە ئاتمىشلىق ساناق بويىچە ھېسابلاش ئۇسۇلى قوللىنىلغان، سودىدا دائىم مالغا مال ئالماشتۇرۇلغان. تېپىلغان ئىقتىسادىي ھۆججەتلەردە، ئەر قۇللار، ئايال قۇللار خاتىرىلەنگەن. ھەيۋەتلىك ساراي قۇرۇلۇشلىرى ۋە قاچا - قۇچىلار (ھاراق - ماي قۇيىدىغان) غا بېسىلغان خۇسۇسىي تامغىلار خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى، سىنىپ، دۆلەتنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بەزى قاراشلارغا قارىغاندا، جېمدېت ناسىۋ مەدەنىيىتىنى ئاككادلار (ساملارنىڭ بىر تارمىقى) بەرپا قىلغانىكەن.