Uyghur主要词典
جىلۋەگەر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
جىلۋە قىلغۇچى، جىلۋە بىلەن كۆرۈنگۈچى، ئۆزىنى گۈزەل ۋە پارلاق سۈرەتتە كۆرسەتكۈچى:
ئولسە گەر زۇلفۇڭ خەيالى بۇ كۆڭۈلدە جىلۋەگەر،
شانە يەڭلىغ چاك - چاك ئولمىش كۆڭۈل مەئۋاسىدىن.
ئەرشى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
جىلۋە قىلغان، ئويناقلىغان. يالتىرىغان؛ چىرايلىق؛ گەۋدىلەنگەن، كۆرۈنگەن.