Uyghur←Chinese主要词典
جىلۇن
دۇنيا تارىخى
填轮
tián lún
ياپونىيىدىكى قەدىمىي قەبرىستانلىقلار دەۋرىدە قەدىمكى قەبرىلەرنىڭ ئۈستىگە ۋە چۆرىسىگە تىزىلىدىغان ساپالدىن ئىشلەنگەن بىر خىل پارقىراق قاچىلار. بۇ نام <ياپونىيە تارىخنامىسى> نىڭ 6-جىلدتىكى تېننو چۈيرېننىڭ 32-يىلى دېگەن قىسمىدا كۆرۈلگەن. مىلدى Ⅳ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا پەيدا بولۇپ، Ⅵ ئەسىرنىڭ ئاخىرى ياكى ⅤⅡ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يوقالغان. ئومۇمەن ئۇنى كەنەيچە جىلۈن ۋە ئوبرازلىق جىلۈن دېگەن ئىكى خىلغا بۆلۈشكە بولىدۇ. ئوبرازلىق جىلۈنىڭ ئۆي جىلۈنى، بايلق جىلۈنى، ھايۋانات جىلۈنى، ئادەمزات جىلۇنى دېگەنگە ئوخشاش تۈرلىرى بار. بايلىق جىلۈنى Ⅳ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا Ⅴ ئەسىرگىچە داۋام قىلغان؛ ھايۋانات جىلۇنى Ⅴ ئەسىردىن Ⅵ ئەسىرگىچە داۋام قىلغان؛ ئادەمزات جىلۈنى Ⅵ ئەسىرگىچە داۋام قىلغان. ئۇنىڭ قويۇلىدىغان ئورنى دەۋرگە قاراپ ھەر خىل بولغان.