Uyghur←Chinese主要词典
جېكسون
كومپيۇتېر
杰克逊
jié kè xùn
دۇنيا تارىخى
杰克逊
jié kè xùn
(1767 - 1845) ئامېرىكا زۇڭتۇڭى (1829 - 1837). دموكراتلار پارتىيىسىنىڭ تېننېسى شتاتىدا تۇغۇلغان. مۇستەقىللىك ئۇرۇشىغا قاتناشقان. ئۇرۇشتىن كېيىن قانۇن ئۆگەنگەن. 1787-يىلدىن باشلاپ شىمالىي كارولىنا شتاتىنىڭ غەربىي رايونىنىڭ چوڭ سودىيىسى بولغان. 1796-يىلى ئاۋام پالاتا ئەزاسى بولغان، 1797-يىلى كېڭەش پالاتا ئەزاسى بولغان، 1798 - 1804 - يىللىرى تېننېسى شتاتى ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ چوڭ سودىيىسى بولغان. 1812 - 1814 - يىللاردىكى ئامېرىكا - ئەنگلىيە ئۇرۇشىدا گېنېرال مايور بولغان. 1828-يىلى زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان. زۇڭتۇڭنىڭ مەمۇرىي چوڭ ھوقۇقلارنى ئۆز قولىدا تۇتۇشنى ھەمدە قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى بولۇشنى تەشەببۇس قىلغان؛ ئىچكى كابىنېتنىڭ رولىنى كۈچەيتىپ، يېقىن كىشىلىرىدىن كىچىك گۇرۇھ - <ئاشخانا كابىنېتى> تەشكىللىگەن. ئىقتىسادىي جەھەتە <بانكىغا قارشى كۈرەش> ئېلىپ بېرىپ، شتاتلار بانىكسى قۇرۇپ، يۇقىرى چېگرا بېجى سىياسىتى تۈزۈپ، كاپىتالىزمنىڭ راۋاجلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. 1833-يىلى يەنە زۇڭتۇڭ بولغان. جەنۇبتىكى قۇلدارلار ئۇنىڭ ئىقتىسادىي سىياسىتىگە قارشى چىقىپ، قوشما شتاتتىن ئايرىلىپ چىقىشتىن ئىبارەت بۆلگۈنچىلىك ھەىركىتى ئېلىپ بارغان. 1833-يىلى مۇرەسسە قىلغان باج قانۇنى ۋە قورال كۈچى قانۇن لايىھىسىگەئ ىمزا قويۇپ، بۆلگۈنچىلىك ھەرتكەتلەرنى توسقان ۋە باستۇرغان. دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغدداش، كاپىتالىستىك ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇۇرش جەھەتتە ئاكتىپ رول ئوينىغان. لېكىن قۇللۇق تۈزۈمگە قارشى تۇرمىغان، ئىندىئانلارغا ھۇجۇم قىلدىغان سىياسەتنى يولغاق ويغان. ئۇ 1833-يىلى زۇڭتۇڭ سايلىمى رىقابىتىگە قاتناشقاندىن ئېتىبارەن ئامېرىكا تارىخىدا ئىككى پارتىيە رىقابەتلىشىدىغان سايلام تۈزۈمى باشلانغان.