Chinese→Uyghur主要词典
记忆分子说
پسىخولوگىيە
خاتىرە مولېكۇلىسى تەلىماتى
بۇ «خاتىرە ئاقسىلى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مولېكۇلا بىئولوگىيىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، چوڭ مولېكۇلا بىرىكمىسى - يادرو شېكىرى يادرو كىسلاتاسى (RNA)، ئاقسىللارنىڭ قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى تەتقىقات ئارقىلىق، كىشىلەر چوڭ مولېكۇلىلارنىڭ مېڭە پائالىيىتىدىكى ئۆزگىرىشى ۋە رولى توغرىسىدا يېڭى تونۇش (بىلىش) ھاسىل قىلدى. نۇرغۇن كىشىلەر مولېكۇلا سەۋىيسىدە خاتىرە مېخانىزمى مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشىپ، «خاتىرە مولېكۇلىسى» تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ خىل تەتقىقات مۇشۇ ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىنىڭ بېشىدا باشلانغان بولۇپ، ئاساسەن يادرو شېكىرى يادرو كىسلاتاسى ۋە ئاقسىلىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۇزنىڭ رولى ئوينىشى مۇمكىنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مەسىلەن: كوك قاتارلىق كىشىلەر RNA ئوكۇل قىلىنغان چاشقان (ئاق چاشقان) لارنىڭ RNA ئوكۇل قىلىنمغانلىرىغا قارىغاندا ئۆگىنىشى تېز، ئەستە ساقلىشىمۇ ئۇزاق بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. بەزىلەر مۇنداق ئېكسپېرمېنتال تەجرىبىلەرنى ئىشلىگەن: چاشقاننىڭ ئېزىتقۇ غارىدا ئوزۇقلۇق بار يەرگە چىقىش يولىنى ئەستە قالدۇرۇشى ئۈچۈن تەجرىبىنى ئون قېتىمدەك تەكرارلاشقا توغرا كەلگەن. چاشقانغا بەشىنچى ھىدوركسىترىپتەك (HT - 5 ) ئۇچۇر يەتكۈزەلەيدىغان خىمىيىۋى ماددا ئوكۇل قىلغاندا، ئۇ بىر قېتىمدىلا ئوزۇقلۇقنى تاپالىغان. گوللاندىيلىك دورىگەر دې ۋىد مىڭە ئارتۇقى ( ھىپوفېز) ھورمۇنى ھايۋاناتلارنىڭ خاتىرە ۋە ئۆگىنىش قابىلىيىتىنى ئاشۇرالايدىغانلىقىنى تاپقان. مەسىلەن: چوڭ چاشقاننىڭ مېڭە ئارتۇقىنىڭ ئارقا بۆلىكىگە بېسىمنى ئاشۇرۇش ئوكۇلىنى سالغاندىن كېيىن، خاتىرە ئۈنۈمىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان (1977- يىلى)، كېىيىن بېلگىيە ۋە شۋىتسارىيىلىك تەتقىقاتچىلار كىلىنكىدا بېسىمنى ئاشۇرغۇچ ئارقىلىق كىشىنىڭ خاتىرە قابىلىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ھەمدە كىشىنى رازى قىلغۇدەك نەتىجە قازانغان. نېرۋا بىئوخىمىيە تەتقىقاتى خەلقئارادا قىزغىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ساھە بولۇپ قالدى. بۇ ھەقتە خىلمۇ خىل ئېكسپېرمېنتال تەجرىبىلەر ئىشلىنىپ، خىلمۇخىل پەرەزلەر ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. مەسىلەن : بەزىلەر خاتىرە بىلەن ماددا ئالمىشىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىپ، ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ مېڭىدىكى ماددىلاردا ئۆزگىرىش پەيدا قىلغانلىقىنى كۆزەتكەن؛ بەزىلەر ماددا ئالمىشىشنى تورمۇزلىغۇچىنىڭ ئۆگىنىشكە بولغان تەسىرىنى تەتقىق قىلىپ، قايسى خىلدىكى ئاقسىلنىڭ خاتىرىنىڭ ساقلىنىشىغا تەسىر قىلىشى ئۈستىدە ئىزدەنگەن؛ بەزىلەر خاتىرە ماددىسىنىڭ كۆچۈشى ئۈستىدە تەجرىبە ئىشلەپ، شەرتلىك رېفلېكس شەكىللەنگەن ھايۋان مېڭىسىدىن ئاجرىتىپ ئېلىنغان يىرىك مولېكۇلىنى تېخى ئۇ خىلدىكى شەرتلىك رېفلېكس شەكىللەنمىگەن ھايۋانغا ئوكۇل قىلىپ، شەرتلىك رېفلېكس شەكىللەنمىگەن ھايۋانغا ئوكۇل قىلىپ، شەرتلىك رېفلېكسنىڭ كۆچۈش - كۆچمەسلىكى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان؛ بەزىلەر ھايۋانلارنىڭ ئۆگىنىش قابىلىيىتى بىلەن مېڭە ماددىلىرىنىڭ ئۆزگىرىشى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، مېڭىدىكى قايسى خىلدىكى ماددىنىڭ ھايۋاننىڭ ئۆگىنىش قابىلىيىتىگە تەسىر قىلىشى ئۈستىدە ئىزدەنگەن؛ نۇرغۇنلىغان كىشىلەر يەنە تۈرلۈك دورىلار ئارقىلىق ھايۋانلار قىلىقىنىڭ ئۆزگىرىشىنى تەتقىق قىلغان.