Chinese→Uyghur主要词典
机械识记
پسىخولوگىيە
مىخانىك ئەستە قالدۇرۇش
بۇ شەيئىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى باغلىنىشلارنى مىخانىك ھالدا تەكرارلاپ ئەستە قالدۇرۇشتىن ئىبارەت. بەزى ماتېرىياللارنىڭ مەنە جەھەتتىن باغلىنىشلىقى يوق. مەسلەن، تارىخى يىللار، دەريالارنىڭ ئۇزۇنلۇقى، تېلېفون نومۇرىنى ئىپادىلىگەن سانلىق رەقەملەر ئارىسدا مەنا جەھەتتىن باغىلىنىش يوق. ئەستە قالدۇرۇش ۋاقتىدا، مۇمكىن قەدەر سىرتتىن قوشۇلغان مەنا باغلىنىشىنى قوشۇمچە تەدبىر سۈپىتىدە پايدىلىنىشتىن باشقا، ئاساسەن مېخانىك تەكرارلاشقا تاينىلىدۇ. بىر قىسىم مەنىلىك ماتېرىياللارنى مەسلەن، ماتېماتىكىلىق فورمۇلا، ئىلمىي تەدبىر ( ئېنىقلىما ) لەرنى مەنىسىنى چۈشەنگەن ئاساستا كۆپ تەكرارلاش ئارقىلىق توغرا، مۇستەھكەم ئىگىلەشكە توغرا كېلىدۇ. مىخانىك ئەستە قالدۇرۇشنىڭ فىزىئولوگىيىلىك مىخانىزمى چوڭ مېڭە پوستىلىقىدا شەكىللەنگەن بىر مۇنچە مۇستەقىل، ئايرىم ھالدىكى ۋاقىتلىق نېرۋا باغلىنىشلىرى بولغانلىقتىن، مېخانىك ئەستە قالدۇرۇشنىڭ ئاساسىي ئۇسۇلى تەكرار كۈچىيىشتىن ئىبارەت. مېخانىك ئەستە قالدۇرۇشنىڭ ئاساسىي ئۇسۇلى تەكرار كۈچەيتىشتىن ئىبارەت. مېخانىك ئەستە قالدۇرۇشنىڭ ئۈنۈمى ئاڭلىق ئەستە قالدۇرۇشقا يەتمىسىمۇ، لېكىن كىشلەر تۇرمۇشتا، ئۆگىنىش ۋە خىزمەتتە مېخانىك ئەستە قالدۇرۇشنى پۈتۈنلەي تاشلىۋېتەلمەيدۇ. چۈنكى نۇرغۇن مەنىسىز ماتېرىياللارنى مېخانىك ئەستە قالدۇرۇش ئارقىلىق ئىگىلەشكە توغرا كېلىدۇ. ھەتتا يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك نۇرغۇنلغان مەنىلىك ماتېرىياللارنىمۇ مېخانىك ئەستە قالدۇرۇشنىڭ قوشۇمچە رولىدىن پايدىلىنىپ توغرا، پىششىق ئىگىلەشكە ئېرىشىمىز.
مائارىپ
jī xiè shí jì
ئۆلۈك تۇتۇۋېلىش، ئۆلۈك خاتىرىلەش