Chinese→Uyghur主要词典
旧石器时代
دۇنيا تارىخى
كونا تاش قوراللار دەۋرى
ئارخېئولوگىيە ئىلمىدە تاش قوراللار دەۋرىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچى. ئومۇمەن 2 - 3 مىليون يىللىق جەرياننى باشتىن ئۆتكۈزگەن. بۇ چاغلاردا ئىنسانلار بىرقەدەر قوپال ياسالغان تاش قوراللارنى ئىشلەتكەن بولۇپ، ياۋا مېۋە - چېۋە يىغىش ھەم بېلىقچىلىق، ئوۋچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن. بۇ دەۋر ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئىپتىدائىي توپتىن تا ماترىئارخاللىق ئۇرۇقداشلىق جامائەسىنىڭ پەيدا بولۇش باسقۇچىغىچە بولغان چاغقا توغرا كېلىدۇ. بەزى تاش قوراللارنىڭ تاشقا ئايلانغان ئادەم ئىسكىلىتلىرى بىلەن بىللە تېپىلىشى، كونا تاش قوراللار دەۋرىنى تەتقىق قىلىشنى ئەمەلىي ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىگەن. تاش قوراللاردىن تاشقىرى، يەنە كالتەك قوراللارنىمۇ ئىشلەتكەن. بۇ دەۋرنىڭ ئاخىرلىرىدا سۆڭەكتىن ياسالغان قوراللارنى ئىشلىتىشكە باشلىغان. ئوتتىن پايدىلىنىشنى ئۆگىنىۋلغان ھەم تۆشۈك ئېچىش، ئويمىچىلىق تېخنىكىسىنى بىلگەن، ئويمىچىلىق، بېزەك بۇيۇملىرى، قىيا تاش سۈرەتلىرى قاتارلىق سەنئەت ئەسەرلىرى بارلىققا كەلگەن.
تارىخ
jiù shí qì shí dài
پالىئۇت دەۋرى، كونا تاشقۇرال دەۋرىDئۇنىۋېرسال
jiù shí qì shí dài
قەدىمكى تاش قورال دەۋرى