Chinese→Uyghur主要词典
究康拉德
دۇنيا تارىخى
نامرات كونراد
ⅥⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا گېرمانىيىنىڭ ۋىيۇر تېمبېرگ كىنەزلىكىدىكى دېھقانلارنىڭ فېئوداللىقققا قارشى مەخپىي ئۇيۇشمىسى. <نامرات كونراد> كەمبەغەل - نامراتلار كونرادى مەنىسىدە بولۇپ، كونراد نۇرغۇنلىغان دېھقاننىڭ ئىسمى. بۇ ئۇيۇشما 1503-يىلى شۋابىيىدە قۇرۇلۇپ، خوخېنستوفېن تاش باغرىدىكى رېمىس دەرياسى جىلغىسىنى ئۆزىگە تايانچ بازا قىلغان. 1514-يىلى 4-ئايدا قوزغىلاڭ قىلىپ، ۋىيۇر تېمبېرگ گرېتسوگى ئۇلرىخقا (1487 - 1550) قارشى چىققان. بۇنىڭغا شەھەر ئاھالىسىمۇ قاتناشقان. ئۇلرىخ شتۇتگارتتا يەرلىك پارلامېنت چاقىرىشقا مەجبۇر بولغان. يىغىنغا قاتناشقان شەھەر ئاھالىسى ۋە دېھقانلار ۋەكىللىرى چېركاۋنىڭ مال - مۈلۈكلىرىنى تارتىۋېلىش، گېرتسوگنىڭ كىرىمىگە چەك بەلگىلەپ بېرىش قاتارلىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇلرىخ كېيىن پارلامېنتنى تيۇبېنگېندا (شتۇتگارتنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان) چاقىرىپ، دېھقانلار ۋەكىللىرىنىڭ بۇنىڭغا قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلىمىغان. مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى ماكسىمىلىئان Ⅰ نىڭ ۋەكىلى ئوتتۇرىغا چۈشۈپ مۇرەسسە قىلىش ئاقرىلىق 7-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۇلرىخ شەھەر ئاھالىسى ۋەكىللىرى بىلەن مۇرەسسە قىلىپ، سىرتقا ئۇرۇش ئېلان قىلىش، يېڭى باج ئېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە گېرتسوگنىڭ ھوقۇقىغا مەلۇم دەرىجىدە چەك قويۇشقا ماقۇل بولغان. كېيىن شەھەرلىكلەر ئاسىيلىق قىلغانلىقتىن، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى بۆلۈنۈپ كېتىپ ئارخىر باستۇرۇۋېتىلگەن. بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭ 1524 - 1525-يىللاردىكى گېرمانىيە دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ بېشارىتى بولۇپ قالغان.