Chinese→Uyghur主要词典
旧金山对日和约
دۇنيا تارىخى
سان - فرانسىسكو ياپونىيىگە قارىتىلغان سۈلھ شەرتنامسى
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا قىسمەن دۆلەتلەرنىڭ ياپونىيە بىلەن ئىمزالىغان بىر تەرەپلىمە سۈلھ شەرتنامىسى. 1951 - يىلى 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى سان فرانسىسكودا ئىمزالانغان. 1952 - يىلى 4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى رەسمىي كۈچكە ئىگە بولغان. ئامېرىكا بۇ يىغىنغا ياپونىيە جاھانگىرلىكىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچرىغان ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولغان. ئەڭ ئېغىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان جۇڭگونى تەكلىپ قىلمىغان. ھىندىستان، بېرما، يوگۇسلاۋىيىلەر تەكلىپ قلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ۋەكىل ئەۋەتمىگەن. سوۋېتئىتتىپاقى، پولشا ۋە چېخوسلوۋاكىيىلەر يىغىنغا قاتناشقان بولسىمۇ، شەرتنامىگە ئىمزاقويمىغان. شۇ قېتىمقى ياپونىيە بىلەن قىلىنغان سۈلھ شەرتنامىگە پەقەت ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق 48 دۆلەت ئىمزا قويغان بولۇپ، بۇ قانۇنسىز، بىر تەرەپلىمەشەرتنامىدىن ئىبارەت. شەرتنامە جەمئىي 7 باب، 27 ماددا بولۇپ، ئاساسلىق مەزمونى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:ياپونيە بىلەن ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش ھالىتى مۇشۇ شەرتنامە كۈچكە ئىگە بولغاندىن باشلاپ، ئاخىرلىشىدۇ؛ ھەرقايسى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ياپونىيەنىڭ بىر <ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت> ئىكەنلىكىنى، <ياپونىيە خەلقىنىڭياپونىيە ۋە ئۇنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە قارىتا تولۇق ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى> ئېتىراپ قىلىدۇ؛ ياپونىيە چاۋشىيەننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، شۇنىڭدەك تەيۋەن ۋە پىڭخۇ تاقىم ئاراللىرىغا بولغان بارلىق ھوقۇقلىرىدىن ۋاز كىچىدىغانلىقىنى جاكارلايدۇ؛ ياپونىيە رىيۇكيۇ تاقىم ئاراللىرى بىلەن بۇنىڭدىن (ئوگاساۋارا) تاقىم ئاراللىرىنى ب د ت ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ <ۋاكالىتەن باشقۇرۇشى>غا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە قوشۇلىدۇ؛ ياپونىيەنىڭ ئۆز ئالدىغا ياكى كوللىكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقى بولىدۇ ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كوللېكتىپ خەۋپسىزلىك كېلىشىملىرىگە قاتنىشالايدۇ؛ ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ئىشغالىيەتچى ئارمىيسى ياپونىيەدىن بالدۇرراق چېكىنىپ چىقىپ كېتىشى كېرەك. ئەمما چەت ئەل قوراللىق قىسىملىرى ياپونىيە بىلەن تۈزگەن ئىككى تەرەپلىمە ياكى كۆپ تەرەپلىمە كېلىشىم بويىچە ياپونىيە زېمىنىدا تۇرىدۇ ياكى قالىدۇ. يەنە شۇ كۈنى ياپونىيە ئامېرىكا بىلەن <ياپونىيە - ئامېرىكا خەۋپسىزلىك شەرتنامىسى>نى ئىمزالىغان.<سان - فرانسىسكو ياپونىيىگە قارىتىلغان سۈلھ شەرتنامىسى> ۋە <ياپونىيە - ئامېرىكا خەۋپسىزلىك شەرتنامىسى> ئارقىلىق ياپونىيەئامېرىكىنىڭ تولۇق ئىشغالىيىتىدىن يېرىم ئىشغالىيەت ھالىتىگە ئۆتكەن. جۇڭگو 1951 - يىل 9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ۋە 1952 - يىلى 5 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئىككى قېتىم بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ قانۇنسىز سۈلھ شەرتنامىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.