Chinese→Uyghur主要词典
救国委员会
دۇنيا تارىخى
ۋەتەن قۇتقۇزۇش كومىتېتى
جامائەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتى دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ. فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلدە مىللىي ئۇيۇشما قۇرغان مۇھىم ھوقۇقلۇق ئورگان. 1793 - يىلى 4 - ئاينىڭ 6 - كۈنى قۇرۇلغان. مىللىي ئۇيۇشما ئەزالىرى ئىچىدىن توققۇز كىشىنى تاللاپ تەشكىل قىلىنغان، بەلگىلىمە بويىچە ھەرئايدا بىر قېتىم قايتىدىن سايلانغان، داۋاملىق سايلىنىشقا بولغان، ئۇلار مىللىي ئۇيۇشما ئالدىدا جاۋبكار بولاتتى. دەسلەپ ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ كۆپ قىسمى گىروندىچىلاردىن تەركىب تاپقان، دانتون ئۇنىڭ يادرولۇق ئادىمى بولغان. 7 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلىنغاندىن كېيىن، دانتون ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان، ئۇنىڭغا سېن - جۇست بىلەن كۇتون كىرگەن. 27 - كۈنى روبېسپېررې كومىتېتىنىڭ خىزمىتىگە قاتناشقان ئۇنىڭدىن كېيىن كارنوت، بىللائۇدۋارېننې (1756 - 1819) ۋە كوللوت - دېربوئىس (1750 - 1796) لار كەينى - كەينىدىن قاتناشقان، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئەزالىرى 21 گە يەتكەن. ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلىنغاندىن كېيىنكى ۋەتەن قۇتقۇزۇش كومىتېتى ياكۇبىن دىكتاتۇرىسىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش مەركىزى ۋە رەھبەرلىك ئاپپاراتى بولۇپ، دۆلەت ئورگىنى ۋە ئارمىيىنى كونترول قىلغان، ئىچكى - تاشقى سىياسەتنى ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى ئىشلىرىنى بەلگىلىگەن، ئەمەلىيەتتە فرانسىيىنىڭ ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى بولغان. 1794 - يىلى تومۇز ئاي سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلىنىپ، ھوقۇقى زور دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرۇلغان. 1795 - يىل 10 - ئاينىڭ 26 - كۈنى مىللىي ئۇيۇشما بىلەن بىرۋاقىتتا تارقىتىۋېتىلگەن.