Chinese→Uyghur主要词典
及时复习和过时复习
پسىخولوگىيە
ئۆز ۋاقتىدا تەكرارلاش بىلەن ۋاقتى ئۆتكەندە تەكرارلاش
بۇ ئۆگىنىش ئاياغلىشىش بىلەن تەكرارنىڭ باشلىنىشى ئارىلىقىدىكى ۋاقىت پەرقىنى كۆرسىتىدۇ. بىر ماتېرىيالنى ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىن، بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكۈزۈپلا تەكرارلاش ئۆز ۋاقتىدا تەكرارلاش دېيىلىدۇ. ئۇزاق ۋاقىت ئۆتكەندە تەكرارلاش ۋاقتى ئۆتكەندە تەكرارلاش دېيىلىدۇ. ۋاقتى ئۆتكەندە تەكرارلاشقا قارىغاندا، ئۆز ۋاقتىدا تەكرارلاشنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ئۇنتۇش قانۇنىيىتىنىڭ بىرى بولغان باشتا تېز، كېيىن ئاستا بولۇشتىن ئىبارەت. ۋاقتى ئۆتكەندە تەكرارلىغاندا ئۇنتۇلۇش مىقدارى زور بولغانلىقتىن، ئۆز ۋاقتىدا تەكرارلىغانغا قارىغاندا ئۈنۈمى ئاز بولىدۇ. باشقىدىن ئۆگەنگەنگە قارىغاندا ئۆز ۋاقتىدا تەكرارلاشقا ۋاقىت ئاز سەرپ بولىدۇ.