Chinese→Uyghur主要词典
寄生
دېھقانچىلىق
jì shēng
پارازىتDئورمانچىلىق
jì shēng
پارازىت، تەييار تاپDئۇنىۋېرسال
jì shēng
تەييار تاپلىق، تېكىنخورلۇق، پارازىتلىق، پارازىتىزم
تەييارتاپ، پارازىت
Dباغۋەنچىلىك
jì shēng
پارازىتلىق ياشاش
بىئولوگىيە
پارازىتلىنىش
بىر تۈردىكى جانلىق يەنە بىر تۈردىكى جانلىقنىڭ تەن ئىچى ياكى تەن سىرتىدا ئۇزۇن مەزگىل ياكى قىسقا مەزگىل پارازىتلىنىپ، ئۇنىڭغا ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇق ماددىنى سۈمۈرۈپ ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ساقلايدىغان بىر خىل ياشاش شەكلى. پارازىتلىنىدىغان جانلىق پارازىت جانلىق دەپ ئاتىلىدۇ (مەسىلەن، ۋىرۇس رىكستىلار، باكتېرىيە، زەمبۇرۇغ، پارازىت قۇرتلار ۋە پارازىت ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر). پارازىتلار پارازىتلىنىدىغان جانلىق پارازىت ئىگىسى دېيىلىدۇ. پارازىت ئىگىسىنىڭ تېنى ئىچىدە پارازىتلىنىش ئىچكى پارازىتلىنىش، تېنى سىرتىدا پارازىتلىنىش، سىرتقى پارازىتلىنىش دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، ئادەمنىڭ ئۈچىدە پارازىتلىنىدىغان جانلىق ئىچكى پارازىت جانلىق، ئادم بولسا پارازىت ئىگىسى بولىدۇ. ئادەمنىڭ تېنى يۈزىدە پارازىتلىنىپ قىچىشقاق كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان جانلىق - قوتۇر سالجىسى سىرتقى پارازىت جانلىق دېيىلىدۇ. پارازىت جانلىقلار پارازىت ئىگىسىنى ماكان ۋە ئوزۇقلۇق مەنبەسى قىلىدىغانلىقتىن، دائىم پارازىت ئىگىسىگە ئېغىر زىيان سالىدۇ، ھەتتا ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ. مەسىلەن، ئاسكارىدا ئادەمنىڭ ئۈچىيىدە پارازىتلىنىپ سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدۇ. دات كېسەللىك زەمبۇرۇغى كۆپ خىل ئىقتىسادىي زىرائەتلەردە پارازىتلىنىپ پارازىت ئىگىسى بولغان ئۆسۈملۈكنىڭ ئۆسۈشىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ، جانلىق مىقدارى ۋە ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا ئوزۇقلۇقنى تۈگىتىپ، توقۇلمىلىرىنى بۇزۇپ ئۆلتۈرىدۇ. پارازىتلىنىش ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ: (1) مەخسۇس پارازىتلىنىش، بۇنىڭدا پارازىتلىنىدىغان جانلىق پەقەت تىرىك پارازىت ئىگىسىگە تايىنىپ ياشايدۇ. (2) قوشۇمچە پارازىتلىنىش، بۇنىڭدا چىرىندىخورلۇق ئاساس، پارازىتلىنىش قوشۇمچە قىلىنىدۇ. (3) قوشۇمچە چىرىندىخورلۇق، بۇنىڭدا پارازىتلىنىش ئاساس، چىرىندىخورلۇق قوشۇمچە قىلىنىدۇ.