Chinese→Uyghur主要词典
近卫文麿
دۇنيا تارىخى
كونوئى فۇمىمارۇ
(1891 - 1945) ياپونىيە باش ۋەزىرى (1937 - 1939، 1940 - 1941). ئۇرۇش جىنايەتچىسى. يۇقىرى دەرىجىلىك ئاقسۆڭەك ئائىلسىدە تۇغۇلغان. ۋارىس گېرتسوگ. 1917 - يىلى كيوتو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن كەسپىنى پۈتتۈرگەن. 1919 - يىلى سائىئۇنجى كىمىموچىغا ھەمراھ بولۇپ پارىژ سۈلھ يىغىنىغا قاتناشقان. 1931 - يىلى ئاقسۆڭەكلەر پالاتاسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 1933 - يىلى ئاقسۆڭەكلەر پالاتاسىنىڭ باشلىقى بولۇپ ھەربىي ئىشلار مىنىستىرلىكىگە يېقىنلاشقان. 1937 - يىلى 6 - ئاينىڭ 4 - كۈنى كابېنت تەشكىللىگەن، جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىشتىكى 7 - ئىيۇل ۋە 13 - ئاۋغۇست ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلىپ، جۇڭگودىكى تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى كېڭەيتكەن. 1939 - يىلى 1 - ئايدا خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ، زوراغالىق مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1940 - يىلى 7 - ئايدا يەنە بىر نۆۋەت كابېنت تەشكىللىەەن؛ ئىچكى جەھەتتە ئوماساتا سوكۇسان ئۇيۇشمىسىنى تەشكىللەپ، <يېڭى تۈزۈلمە ھەرىكىتى> نى يولغا قويغان، سىرتقا قارىتا گېرمانىيە، ئىتالىيە بىلەن ھەربىي ئىتتىپاق تۈزگەن ھەمدە ئامېرىكا بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان. 1941 - يىلى 7 - ئايدا ئۈچىنچى قېتىم كابېنت تەشكىللىگەن. ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبەتنىڭ قاتمال ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىدىن كابېنتنڭ ئىچكى قىسمىدا پىكىر ئوخشاش بولماي، 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ئومۇمىي ئىستېپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىغان. ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، 9451 - يىلى 8 - ئاينىڭ 17 - كۈنى خىگاشىكۇنى توشخىكو كابېنت تەشكىللىگەندە، دۆلەت ئىشلىرى ۋەزىرى بولغان ھەمدە ۋەزىر مەھكىمىسىنىڭ ياردەمچىسى بولۇپ، تەرەپ - تەرەپتە ھەرىكەتلەنگەن. شۇ يىلى 12 - ئاينىڭ 6 - كۈنى بىرىنچى دەرىجىلىك ئۇرۇش جىنايەتچىسى قىلىپ بېكىتىلگەن. 16 - كۈنى زەھەر ئىچىپ ئۆلۈۋالغان.