Chinese→Uyghur主要词典
今颌总目
بىئولوگىيە
ھازىرقى جاغلىقلار باش ئەترىتى
<دۆڭ تۆشلۈكلەر>، <دۆڭ كۆكرەكلىكلەر> (كارىناتالار Carinataee) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قۇشلار سىنىپىدىكى ئەڭ چوڭ بىر تۈركۈم بولۇپ، ھازىر ياشاۋاتقان قۇشلارنىڭ زور كۆپچىلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، پۈتۈن يەر شارىغا تارقالغان بولۇپ، جەمئىي 35 ئەترەت، 8500 تۈردىن ئارتۇق. ئۇلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكلىرى شۇكى، قانىتى تەرەققىي قىلغان، ئۇچۇشقا ماھىر؛ تۆش سۆڭىكىدە تەرەققىي قىلغان تاج ئۆسۈكچىسى، قوۋۇرغىسىدا ئىلمەك ئۆسۈكچىسى بولىدۇ. ئەڭ ئاخىرقى 4 ~ 6 - ئومۇرتقىلىرى بىرلىشىپ بىر پارچە توغۇر سۆڭىكىنى ھاسىل قىلغان، ئىسكىلىتلىرىغا ھاۋا تولۇپ تۇرىدۇ؛ كونتۇر پەيلىرى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، پەي يەلپۈگۈچىنى ھاسىل قىلىدۇ، بەدەن سىرتىدا پەيلىك رايون ۋە يالىڭاچ رايون ئايرىمىسى بولىدۇ؛ سايراش مۇسكۇلى ۋە توغۇر (قۇيرۇق) ماي بېزى تەرەققىي قىلغان؛ غازسىمانلار ئەترىتىدىكىلەردىن باشقىلارنىڭ ھەممىسىدە ئەركەكلىرىنىڭ چېتىشىش ئورگىنى بولمايدۇ. بۇ ئەترەتنىڭ تۈرلىرى كۆپ ھەمدە ئىنسانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمۇ ناھايىتى زىچ. مەملىكىتىمىزدىن چىقىدىغان دۆڭ كۆكرەكلىكلەر باش ئەترىتىدىكى قۇشلار جەمئىي 26 ئەترەت 81 ئائىلە. ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە تۈزۈلۈش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن تەخمىنەن ئالتە ئېكولوگىيىلىك تۈركۈمگە بۆلۈشكە بولىدۇ. سۇدا ئۈزگۈچىلەر، سۇغا كەچكۈچىلەر، يىرتقۇچ قۇشلار، ياماشقۇچى قۇشلار، قۇرۇقلۇق قۇشلىرى ۋە سايرىغۇچى قۇشلاردىن ئىبارەت.