Chinese→Uyghur主要词典
景天酸代谢植物
بىئولوگىيە
كۆكمارال كىسلاتا ئايلىنىشى ئېلىپ بارىدىغان ئۆسۈملۈكلەر
كۆپلىگەن گۆشلەشكەن ئۆسۈملۈكلەر (مەسىلەن كۆكمارال ئائىلىسىدىكى كۆكمارال قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەر) كېچىسى ھاۋا تۆشۈكىنى ئېچىپ، رىبۇلوزا - بىس فوسفات كاربوكسىلازىنىڭ تەسىرىدە كاربون (Ⅳ) - ئوكسىدنى رىبۇلوزا - بىس فوسفاتنىڭ ئۈستىگە تۇراقلاشتۇرۇپ، ئىككى مولېكۇلا فوسفېنول پىرۇۋاتنى ھاسىل قىلىدۇ، ئۇ يەنە فوسفېنول پىرۇۋات كاربوكسىلازانىڭ تەسىرىدە كاربون (Ⅳ) - ئوكسىدنى تۇراقلاشتۇرۇپ ئوكسالو ئاتسېتىك كىسلاتا ئارقىلىق ئالما كىسلاتاسىنى ھاسىل قىلىدۇ. كۈندۈزى يورۇقلۇق ئاستىدا بۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ ھاۋا تۆشۈكى ئېتىلىپ، كەچتە ھاسىل بولغان ئالما كىسلاتاسى يەنىمۇ ئوكسىدلىنىپ كاربون (Ⅳ) - ئوكسىدنى قويۇپ بېرىدۇ. قويۇپ بېرىلگەن كاربون (Ⅳ) - ئوكسىد يەنە كالۋىن ھالقىسىغان قاتنىشىپ، ئۈچ كاربونلۇق قەنتنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ ئۈچ كاربونلۇق مېتابولىزم جەريانىغا ئوخشايدۇ. بۇ جەريان ئالدى بىلەن كۆكمارال ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك ئۈندى يوپۇرماقتا (Bryophyllum calycinum) سېزىلگەن. ئاساسەن مۇشۇ خىل كۆكمارال ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەردە كۆرۈلىدىغان مېتابولىزمنىڭ ئالاھىدىلىكى بويىچە ئورگانىك كىسلاتالارنىڭ كېچە - كۈندۈز ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مېتابولىزم تىپى كۆكمارال كىسلاتا مېتابولىزمى دەپ ئاتىلىدۇ. مۇشۇ خىل مېتابولىزم ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان ئۆسۈملۈكلەر كۆكمارال كىسلاتا مىتابولىزمى ئېلىپ بارىدىغان ئۆسۈملۈكلەر دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، كاكتۇس، پىچانگۈل، ئاناناس، ئۈندى - يوپۇرماق قاتارلىقلار مۇشۇ تۈرگە كىرىدۇ. بۇخىل مېتابولىزم تىپى قۇرغاق مۇھىتقا ماسلىشىشنىڭ نەتىجىسى. قۇملۇق شارائىتىدا كۈندۈزى ھاۋا تۆشۈكى ئېتىلسە پارغا ئايلاندۇرۇش ئازىيىدۇ، سۇنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ، فوتوسىنتېز ئۆز رېتى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ.